كەسىپ يېتىلدۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى  كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇش كاپالەتكە ئىگە بولدى

− چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرىنىڭ تاشساي كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى

日期:2019年05月25日
来源:新疆日报
【字体:

5- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى(ئوڭدىن 2- كىشى) تاشساي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە چىلان پەرۋىشىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈرمەكتە.(گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خې شىنشې فوتوسى)

ۋاششەرى بازىرىنىڭ تاشساي كەنتى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش بويىچە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئېغىر نامرات كەنت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىدا، تاشساي كەنتى بىر پارچە چۆل - جەزىرىدىن گۈزەل يېزا - كەنتكە ئايلاندى، پۈتۈن كەنتتىكى 201 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى 2017- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھازىر مۇستەھكەملىنىپ، يۈكسەلدۈرۈش باسقۇچىغا كىردى.

كىرىمنى ئاشۇرىدىغان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كىرىمنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چاقىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۆز قارىمىقىدىكى باشلامچى كارخانا شىنجاڭ چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتى دېيىلىدۇ)نىڭ تاشساي كەنتى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «باشلامچى كارخانا+بازا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئائىلىلەر»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

■يەر ئوبوروت قىلىنىپ، دېھقانلار ئىشچىغا ئايلاندى

5- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 7دە، تاشساي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پەرھات غۇجىئابلا ئۆيىدىن چىقىپ ئىشقا ماڭدى. ئۇ ھازىر چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتى قارىمىقىدىكى چياڭدۇ چىلانچىلىق بازىسى 5- مەيدانىنىڭ بەنجاڭى بولۇپ، 23 ئىشچىنى باشقۇرىدۇ.

بىر يىلنىڭ ئالدىدا، پەرھات ئائىلىسىنىڭ 20 مو چىلانلىقىنى باشقۇراتتى. لېكىن تاشساي كەنتىدىكى كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش، چارۋىچىدىن دېھقانغا ئۆزگەرگەن پەرھاتنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە يەر باشقۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئائىلىسىنىڭ چىلانلىقىنى پەرۋىش قىلغىنىغا خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، كىرىمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، بىر قىسىم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلەتتى.

قانداق قىلغاندا تاشساي كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مەسىلىگە تەتبىقلاپ كارخانىلار ۋە ئېتىز باشلىرىغىچە بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۆپلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پىكىر يولىنى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇردى: نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە كەنت ئاھالىسى قىلىشنى خالايدىغان ئىشنى قىلىش، كەنت ئاھالىسى قىلالايدىغان ئىشنى قىلىش كېرەك! بەزى كەنت ئاھالىلىرى يەر تېرىشقا ماھىر بولمىغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزى قىلىشقا ماھىر باقمىچىلىق كەسپىنى قىلدۇرۇش كېرەك.

ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، 2018- يىلى، تاشساي كەنتى چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتى بىلەن يەر ئوبوروت كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىمدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 2300 مو مېۋىگە كىرمىگەن چىلانلىقىنى بىرتۇتاش چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتىنىڭ كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشىغا ئوبوروت قىلىدىغانلىقى، چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتى ھەر يىلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەربىر مو يېرىگە 100 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە ھۆددە پۇلى بېرىدىغانلىقى؛ 2025- يىلىدىن باشلاپ، ھەر مو چىلانلىقنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %30ى بويىچە كەنت ئاھالىلىرىگە پايدا تەقسىملەپ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەندى...

يەر ئوبوروت قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بەزى دېھقانلار بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. شۇڭا چاقىلىق ناھىيەسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نۇرغۇن يېتەكلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئاخىر پۈتۈن كەنتنىڭ يەر ئوبوروتى خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتتى. «يەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ھەر يىلى يەر ئوبوروتىنىڭ مۇقىم پايدىسىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە يەردىن ئازاد بولۇپ، ئۆزگىچە باقمىچىلىق ۋە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.» ۋاششەرى بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن خۇيجيې مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم دېھقانلار بىۋاسىتە سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتىگە بېرىپ چىلان پەرۋىشى، چارۋا باقمىچىلىقى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، كارخانىلاردىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىندى».

پەرھاتمۇ ئۆزىنىڭ 20 مو يېرىنى چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتىگە ئوبوروت قىلىپ بەردى. بۇنداق بولغاندا، ئۇ ھەر يىلى ئاز دېگەندە 2000 يۈەن يەر ئوبوروت پۇلى ئالالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇمۇ چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتىنىڭ چىلان پەرۋىش ئىشچىسى بولدى. ئۆگىنىشكە ماھىر، ئىشلەشنى خالايدىغان پەرھات چىلان پەرۋىشى تېخنىكىسىنى تېز ئىگىلەپلا قالماي، يەنە چياڭدۇ چىلانچىلىق بازىسىنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئايدا 4500 يۈەن مائاش ئالالايدىغان بولدى. ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن رازى بولغان پەرھات دائىم مۇنداق دەيدۇ: «مەن كارخانىدا پېنسىيەگە چىققۇچە تىرىشىپ ئىشلەيمەن».

■كەنت ئاھالىلىرى كارخانىغا پاي قوشۇپ پايدىغا ئېرىشتى

2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كەنت ئاھالىسى تۇراخان تۇرسۇن 310 يۈەن پايدا سوممىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. گەرچە پۇل كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن تۇراخان ئىنتايىن خۇش بولدى.

كەنت بىلەن چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتى ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسەن، يەر ئوبوروتىدىن باشقا، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يەنە بىر يول بار: كەنت نامرات ئائىلىلەرنى تەشكىللەپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى پاي قىلىپ قوشۇپ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە باقمىچىلىق كارخانىسىغا پاي قوشتى. بۇ ئىككى يىلدا باقمىچىلىق كارخانىسىنىڭ ئالغان پايدىسى ياخشى بولۇپ، پايدا قايتۇرۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولدى، كەنت ئاھالىلىرى 2018- يىلى 11- ئايدا پاي قوشتى، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، پاي قىلىپ قوشۇلغان 962 مىڭ يۈەن مەبلەغكە 30 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىملەندى.

«بۇ، كەنت ئاھالىلىرىگە مايىللاشقان پاي قوشۇش لايىھەسى.» تاشساي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ جىجۈن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دەسلەپ پاي قوشىدىغان چاغدا كەنت ئاھالىلىرى ئىنتايىن ئىككىلەنگەنىدى، بىز نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدۇق. ھازىر تەقسىملەنگەن پايدىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىنتايىن رازى بولدى».

چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ مىن مۇنداق دېدى: «شىركەت باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،كىرىمنى ئاشۇرۇپ، پاي مەبلىغىنىڭ پايدا نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىدۇ».

پاي مەبلىغى توپلىغاندىن سىرت، چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتى يىلدا يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە 20 توننا ئەلا سۈپەتلىك ئۇن ئىئانە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى؛ شىركەت شاخ - شۇمبىلارنى كەنت ئاھالىلىرىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا - ئاران باقمىچىلىقىدا دۇچ كەلگەن يەم - خەشەك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. كەلگۈسىدە، بۇ شىركەت يەنە ئەلا سۈپەتلىك نەسىللىك قوي كىرگۈزۈپ، نەسىللەندۈرۈلگەندىن كېيىن ئېلىنغان تۆللەرنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېقىشىغا بېرىشنى، بېقىپ چوڭ قىلغاندىن كېيىن يەنە شىركەتنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇش، سېتىشىغا بېرىشنى، كارخانا بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «باغلانما» تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

■ئېغىر ۋەزىپە زىممىگە يۈكلەنگەچكە كارخانا بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشتى

5- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 34 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسىقتا، شۈ سۇڭجياڭ يەنە چياڭدۇ چىلانچىلىق بازىسىغا تەكشۈرۈشكە كەلدى. شۈ سۇڭجياڭ ھەربىر چىلانلىقنى ئىنتايىن ئەستايىدىل كۆرۈپ، پات - پات پىكىر بەردى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۈ سۇڭجياڭ شىنجاڭ چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىركەتنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 20 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسلىقى چىلان ئۆستۈرۈش ۋە چارۋا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھازىر چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتى 30 مىڭ موغا يېقىن ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈش بازىسى، باقمىچىلىق كارخانىسى ۋە ئوغۇت زاۋۇتى قاتارلىقلارنى قۇرغان بولۇپ، دۆلەت ئورمانچىلىقىدىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا.

ھازىر شۈ سۇڭجياڭ ئىككىنچى سەپكە چېكىندى. گەرچە ئۇ 70 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئايدا كورلا شەھىرىدىن 500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاشساي كەنتىگە كېلىپ كارخانا خىزمىتىنى تەكشۈرىدۇ، ئەزەلدىن بوشاڭلىق قىلمايدۇ. «بۇ يەر شىركەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەركەز بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بازىدا تاشساي كەنتىدىكى 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ 2300مو ئوبوروت يېرى بولۇپ، بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ئۈمىدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، شىركەتنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى».

ھازىر چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتى يىلدا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگىلا 5 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالىدۇ. شۈ سۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: چياڭدۇ ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق شىركىتى تاشساي كەنتى بىلەن ئۆزئارا بېقىنىدىغان «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»، كارخانىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولسا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشىدۇ؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانسا، كارخانا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىغا ئىگە بولىدۇ. «شۇڭا بىز جەزمەن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەك!» دېدى شۈ سۇڭجياڭ.

كۈرەش بىلەن ئۆتكەن ياشلىق ئەڭ گۈزەل


چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتىنىڭ كەنت ئېغىزىدا «ياشلىق كۈرەش قىلىش ئۈچۈندۇر» دەپ يېزىلغان غايەت زور شوئار تاختىسى بار، ئۇنى نەچچە يۈز مېتىر يىراقلىقتىنلا كۆرگىلى بولىدۇ.

ئالتۇن تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن قار سۇلىرى يىغىلىپ تاشساي دەرياسىنى شەكىللەندۈرگەن، دەريا سۈيى تاشساي كەنتىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان جاينى شەكىللەندۈرگەن. 2008- يىلىدىن باشلاپ، چارۋىچىلار كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ يەردە مۇقىم ئولتۇراقلاشتى. تۇرالغۇ ئۆي، ھويلا - ئاران، ئېچىلغان بوز يەر ئۇلارنى خاتىرجەم مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۈگۈنكى تاشساي كەنتىدە، ھەممە ئائىلىلەر تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدىغان بولدى، مۇنچا ئورنىتىلدى، سىملىق تېلېۋىزىيە، كەڭ بەلباغلىق تور ئومۇملاشتى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئىشىك ئالدىغىچە كېلىدىغان بولدى، كارخانىلار كەنتكە ماكانلاشتى...كەنت ئاھالىلىرى زامانىۋى مەدەنىي يېڭى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

بىراق كىرىمنى داۋاملىق مۇقىم ئاشۇرۇش يولى يەنىلا ئۇزاق ھەم جاپالىق. تاشساي كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بىر نەچچە كۈندە، بىز ھۆكۈمەتنىڭ غايەت زور سېلىنمىسىنىڭ نەتىجىسىنى، كارخانا ياردىمىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردۇق، ئەڭ ئاچقۇچلۇقى، بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان روھىي قىياپىتىنى تولۇق ھېس قىلدۇق. بۇ ۋاقىتتا كەنت ئېغىزىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان شوئار يەنە ئېسىمگە كەلدى. شۇنداق، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان تاشساي كەنتى دەل ياشلىق باھارى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ ئەمەسمۇ! بۇنداق ياشلىق، پەقەت بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ، مۇشۇنداق جاي ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ باب كېلىدۇ.