导航切换

ھەيران قالارلىق! ئۇلۇغچات ناھىيەسى قارا شوخلىچاق ئۆستۈردى

日期:2025年03月20日
来源:天山网
【字体:


يېقىندا، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى ئارابۇلاق كەنتىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكقا كىرگەندە، ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ شاخلىرىدا قويۇق قارا شوخلىچاقلارنىڭ سانجاق-سانجاق ئۆسكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يېڭى سورتلۇق مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، تېرىقچىلار بۇ يەردە يەنە تېرىقچىلىق ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى كۆردى. ( ئىختىيارىي مۇخبىرلارتيەن چاۋلى،ياڭ جىدۇڭ)


تېرىقچىلار شوخلىچاق تۈپىنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.


تېرىقچىلار ئاھالىسى ئۆسۈملۈك تۈپنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغارماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى