导航切换

كىچىك ھويلا-ئاران قانداق قىلىپ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»كە ئايلاندى؟ شىخودىكى بۇ يېزىدا بۇنىڭ جاۋابى بار

日期:2025年03月06日
来源:天山网
【字体:


2-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىخو شەھىرى جىرگىلتى گولىن موڭغۇل يېزىسى خوتخۇر كەنتىدىكى ھويلا-ئاران كۆكتات پارنىكىدىكى قاتار-قاتار رەتلىك مايسىزارلىقتا،ياپيېشىل كۆكتات مايسىلىرى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىرگىلتى گولىن موڭغۇل يېزىسى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران كۆكتات پارنىكىدا مايسا يېتىشتۈرۈش، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، يەنە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.(ئىختىيارىي مۇخبىرچېن جىڭجىڭ)


پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇرۇقنى دانىلاپ تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.


پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى