导航切换

بۇ كەنتتىكى «ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىك بېغى»دا ئون نەچچە خىل ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بار

日期:2025年02月25日
来源:天山网
【字体:

2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى ئايماق كەنتىدىكى پارنىكلار باھار تۈسىگە كىردى. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىر بۇ چۆللۈكتىكى «ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىك بېغى»غا كىرىپ، خولۇڭگو شاخلىرىنىڭ خۇددى پەردىگە ئوخشاش باراقسانساڭگىلاپ كەتكىنىنى، يەنۋو مېۋىسىنىڭ ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغانلىقىنى، چىڭزاۋ، مۇگۇا، چېلىزى قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئىسسىق بەلباغ مېۋىسىنىڭ بەس ـ بەستە ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.


پارنىكتا، پارنىك تېخنىكى ئابلەيئەزىزمەمەتجان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېنىمدىكى بۇ يېڭىدىن پىشقان بالې، تەمى بەك تاتلىق، يېيىشلىك. يەنە بۇ تەرەپتىكى فېڭلىنىڭ ئۆسۈۋاتقىنىغا ئۈچ ئاي بولدى. قولۇمدىكى خولۇڭگونىڭ ئېغىرلىقى خېلى بار، 1.2 كىلوگىرام كېلىدۇ. كۆپچىلىك بەلكىم ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلگەن بۇ جاينىڭ ئىسسىق بەلباغ ئورمىنى بولماستىن، بەلكى قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسىنىڭ ئايماق كەنتى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن».


ئايماق كەنتىگە كىرگەندە، قاتار كەتكەن ئەقلىيلەشتۈرۈلگەن پارنىكلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭكەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىلىرى خاس تېرىقچىلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈردى. 26 ياشلىق ئابلەيئېزىز مەمەتجان ئىلگىرى باشقا جايدائىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندەكەنتنىڭ تېخنىكى بولۇپ قالدى. ئۇ كەنتكە قايتىپ پارنىكتېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى ھەم باھار بايرىمى مەزگىلىدە تۇپراقنىڭ كىسلاتالىق-ئىشقارلىق دەرىجىسىنى پائال تەكشۈرۈپ، زىرائەتلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«تۇپراق ئىشقارلىق بولسا يىلتىزكۆيۈپ كېتىدۇ، كىسلاتالىق بولسا ئۆسۈشكە پايدىسىز، ھازىر يەنۋو مېۋىسى تۇپرىقىنىڭ كىسلاتالىق ـ ئىشقارلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولدى». ئابلەيئېزىز مەمەتجان يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارنىكىمىزدىكىھاۋانىڭ نەملىكى %65تىن %80كىچە ساقلىنىدۇ، تۇپراق تېمپېراتۇرىسى ۋە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دەل جايىدا كونتىرول قىلىنىدۇ. تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاشنى، تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، ھازىر مەن ئىككى پارنىكنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل».


بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكلاردا كەنت ئاھالىلىرى يان تېلىفون ئارقىلىق تېمپراتۇرىنى كونتىرول قىلالايدۇ ھەمدە پارنىكنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن تېرىقچىلىق تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، چەكسىز مۇمكىنچىلىك ئېلىپ كەلدى. ئابلەيئېزىز مەمەتجاننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىكىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ: «چېلىزىنىڭ گۈلى ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق ئېچىلدى، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بازارغا سېلىنىدۇ. كەنتىمىزدە 122 پارنىك ياسالدى، يەنە شاڭجاۋ، چىڭزاۋ، مۇگۇا قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى بار، كەلگۈسىدە بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ سورتلارنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىللە بېيىيمىز.»

(قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى نەبىجان ئېزىز)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى