导航切换

باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش | شىنجاڭنىڭ يەرلىك ساۋمېيلىرى بازار تېپىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

日期:2025年02月10日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو ئاخبارات تورى، شىنجاڭ شىنشىڭ، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى(شى يۈجياڭ، چېڭ شياۋجېن) يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13-شىشىنشىڭ شەھىرى خۇڭشىڭ 1-مەيدانى 3-ليەنىدىكى ساۋمېي ئۆستۈرگۈچىلەر ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن ھازىرغىچە، ھەر كۈنى سائەت 6لەردە، ياڭ چىڭخەي خوتۇنى جاۋ فاخۇڭ بىلەن باشچىراغنى تاقاپ، سۇلياۋ سېۋەتنى ئېلىپ پارنىكقاكىرىپ، قىر-قىرلاردىكى يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ساۋمېي ئۈزىدۇ.


يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمى مەزگىلىدە يەرلىك ساۋمېيلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى.

شى يۈجياڭ فوتوسى

بەش سائەت ئالدىراش ئىشلەش ئارقىلىق، ھەر كۈنى ئۈزۈۋېلىنغان100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ساۋمېينى سودىگەرلەر دەل ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىدۇ.

ياڭ چىڭخەي بىر ئائىلە كىشىلىرى سودىگەرلەرنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن بىكار قالمايدۇ. ئۇلار يەنە خېرىدارلار زاكاز قىلغان ساۋمېيلارنى ئۈزۈپ قاچىلاپ، ئۇلارنىڭئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

«بىزنىڭ ئالتە ساۋمېي پارنىكىمىز بار، ساۋمېيلارنى سودىگەرلەرگە سېتىپ بېرىمىز، خېرىدارلار زاكاز قىلىدۇ، ساياھەتچىلەر ئۈزگىلى كېلىدۇ، بۇ بىزنىڭ مۇھىم سېتىش يوللىرىمىز» دېدى جاۋ فاخۇڭ.


ساياھەتچىلەر ساۋمېي ئۈزمەكتە.

چېڭ شياۋجېنفوتوسى

ساۋمېي ئۆستۈرگۈچى سۈن جياڭپىڭنىڭ ئىككىلا ساۋمېي پارنىكى بار بولسىمۇ، لېكىن پاكىز، رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان ئىدى. پارنىك ئىچىدىكى چىغىر يول تۈپتۈز، يول يۈزى سېمونت يول بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. ھەر بىر قىردىكى ساۋمېيلارنىڭ قۇرۇپ قالغان يوپۇرماقلىرىيوق بولۇپ، قىزىل مېۋە، يېشىل يوپۇرماقلار كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. «بۇ ئىككى پارنىكتىن ھەر كۈنى 50 كىلوگىرام ساۋمېي ئۈزگىلى بولىدۇ، يېرىمىنى سودىگەرلەرگە سېتىپ بېرىمىز، يېرىمىنى ساياھەتچىلەر كېلىپ ئۈزۈپ كېتىدۇ».

سۈن جياڭپىڭ ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۈزۈش تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، پارنىكنىڭ ئالدىغا ئىككى چوڭ قىزىل پانۇس ئېسىپ باھار بايرىمىلىقكەيپىياتقا تېخىمۇ تۈس قوشتىھەمدە ساۋمېي مايسىسى تىكىلگەن كىچىك تەشتەكنى تەييارلاپ، سىناپ ئۆستۈرمەكچى بولغان ساياھەتچىلەرگە سوۋغا قىلدى.

«خۇڭشىڭ 1-مەيدانىدا ساۋمېي ئۈزۈش 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جەمئىي 5000 ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى»دېدى، خۇڭشىڭ 1-مەيدان يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمىتونۇشتۇرۇپ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت تىزىملىكىگە كىرگەنۋە «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزا-كەنتى»نامىغا ئېرىشكەن خۇڭشىڭ 1-مەيدان 3-ليەنىدە ساۋمېي، گۈل-گىياھ، خولۇڭگو قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى.