قۇمۇشئۆستەڭ كەنتى:

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىش

日期:2019年05月16日
来源:新疆日报
【字体:

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى قۇمۇشئۆستەڭ كەنتى ناھىيە بازىرىغا ئارانلا ئالتە كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇمۇشئۆستەڭ كەنتى ئىلگىرى خۇددى ئىسمىدەكلا ھەممە يېرى قۇمۇشلۇق ئىدى، كەنتتە ئاران نەچچە ئون ئائىلىلىك بولۇپ، جىمجىت ھەم قاقاس ئىدى.

ۋاقىت ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ۋاقىت تەرتىپى ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ياخشى دەۋرگە ئۇلاشقان قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدىكىلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ بېيىش يولىغا ئاتلىنىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەخت ناخشىسىنى ياڭراتتى.

■«كۈننى تەستە ئۆتكۈزۈش»تىن «يېڭى تۇرمۇش»قىچە

5- ئاينىڭ 5- كۈنى، مۇخبىرلار كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئەيسانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ھويلا - ئارانلىرىنىڭ رەتلىكلىكىنى، ئۆيلىرىنىڭ پاكىزلىقىنى، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدىكى نەچچە تەشتەك گۈلنىڭ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

چىڭقى چۈشتىكى قۇياش نۇرى ئاليومىن قېتىشمىلىق ئىشىك - دېرىزىلەردىن چۈشۈپ تۇراتتى، مېھمانخانىدىكى ساجىغا بىر يۈرۈش يېڭى چىنە - چەينەك تىزىلغان، ياتاق ئۆيدىكى شىمېڭسى كارىۋاتقا گۈللۈك كىرلىك تەكشى سېلىنغان بولۇپ، قولى چېۋەر قىزى يەنە ئالايىتەن گۈل كەشتىلەنگەن ياستۇق قېپى تىكىپ ياستۇقنى قاپلاپ قويغانىدى.

«تۇرمۇشتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىكىگە يەنىلا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.» تۇرسۇننىڭ قىزى غۇنچەم تۇرسۇن گەپ قىلىۋېتىپ، ئەينەكتىكى لاينى كۆرۈپ دەرھال سۈرتۈۋەتتى.

تۇرسۇننىڭ ئۆيى كەنتنىڭ ئەڭ جەنۇبى چېتىدە بولۇپ، تاشيولغا يېقىن، ئادەتتە ئادەم ئاز ئۆتىدۇ. لېكىن تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەسلىكى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان. ئۆينى چىرايلىق يىغىشتۇرسا، كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ.

تۇرسۇن ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان يەتتە مو يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، خوتۇنى تۈگەپ كېتىشتىن بۇرۇن تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئىدى، خوتۇنى تۈگەپ كېتىشى بىلەنلا يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بولدى. ھازىرقى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ خۇشاللىققا چۆمىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن نەپ ئېلىپ، يېپيېڭى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى؛ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن نەپ ئېلىپ، ئۆلچەملەشكەن ئىسسىق قوتان سالدى؛ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش تۈرىدىن نەپ ئېلىپ، كىچىك ئەگمە پارنىك ياسىدى، ئۈزۈم بارىڭى قىلدى؛ «ئۈچ رايوننى ئايرىش» تۈرى بويىچە، كالا، قويلارنى قوتانغا، توخۇ، ئۆردەكلەرنى كاتەككە سولىدى.

«مەن بۇ يىل قەرز پۇل ئېلىپ ئۈچ كالا، 20 قوي سېتىۋالدىم، ياخشى بېقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» تۇرسۇن پۇل تاپقاندىن كېيىن بىر كىچىك دۇكان ئېچىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تىرىشىپ بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

شىنجاڭ جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى تۇنخې شېكەرچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى دوڭ چېڭخۇ مۇنداق دېدى: «تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۈمىد ئۇچقۇنىنى ياندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىشىغا ياردەم بەردى».

«زىرائەتلەردىن مول - ھوسۇل ئېلىنسا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، قىش كېتىپ باھار كەلگەندە پۈتۈن كائىنات يېڭى قىياپەتكە كىرىدۇ»، تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە چاپلانغان بۇ دۈيليەندە دېيىلگىنىدەك، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىلىنىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە يۈكسەلمەكتە.

■«نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن غەم قىلىش»تىن «تولۇق غەيرەتكە كېلىش»كىچە

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ غەيرىتىنى ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇتتى.

سەھەردىكى قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سەل تۆۋەن بولۇپ، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشى بىلەنلا، كوچا ياقىسىدىكى ناۋاي ئۇرايىم ئابلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، تونۇردىكى كۈللەرنى تارتىۋېتىپ ئوت ياقتى. كۆمۈر تۇتىشىپ بولغۇچە، ئۇ ئادىتى بويىچە يول بويىدىن بىر چېلەك سۈزۈك سۇ ئېلىپ يولغا چېچىپ توپا - چاڭلارنى بېسىقتۇردى. سودا قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا بىر قىسىم مۇراسىم تۇيغۇلىرى كۆپەيدى.

ئۇرايىم بۇ يىل ئەمدىلا 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، نامرات ئاھالە سالاھىيىتى ئىلگىرى ئۇنى كەنتتە باش كۆتۈرگۈزمىگەنىدى. بۇلتۇر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇرايىمغا ياردەملىشىپ ناۋايخانا ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشى بارا - بارا ياخشىلاندى، ئۆزىمۇ ئوچۇق - يورۇق بولۇپ قالدى.

«ھازىر كۈندە 100 نان ساتالايمەن، پۇل تاپالىغاچقا نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقىمدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم» دېدى ئۇرايىم.

سائەت 12 بولمايلا، ئۇرايىم بىر تونۇر نان يېقىپ بولدى. ئۇ پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈۋېتىپ، ئادىتى بويىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ كوچىنىڭ شىمالىغا قارىدى، كەنت ئاھالىسى سەمەت ئوسمان دائىم مۇشۇ ۋاقىتتا نان سېتىۋالغىلى كېلەتتى.

سەمەتنىڭ ئىلگىرى بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولمىغاچقا، كۈنلىرى سەل جاپالىق ئۆتەتتى. 2018- يىلى، كەنتتە قارامور نۇقتىدا سىناق قىلىپ تېرىلدى، مور پارنىكلىرى سەمەتنىڭ ئۆيىگە 200 مېتىر كېلىدىغان يەرگە ياسالدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى سەمەتنى مور تېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى، بىراق ئۇ سەل ئىككىلىنىپ قالدى. «كەنتتە ئەزەلدىن ھېچكىم قارامور تېرىپ باقمىغان، ياخشى تېرىيالماسلىقىمدىن، شۇنداقلا ياخشى ساتالماسلىقىمدىن ئەنسىرىگەنىدىم» دېدى سەمەت ئازراق ئوڭايسىزلىنىپ.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئەكرەمجان ئەمەت ئۇنىڭ ئوڭايسىزلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى سىناپ بېقىشقا سەپەرۋەر قىلدى ھەم خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۇلارنىڭ مور سېتىشىغا ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، سەمەتنىڭ شۇندىلا ئەندىشىسى يوقىدى. قانداق تېرىش، تېمپېراتۇرىنى قانداق كونترول قىلىش، سۇنى قانداق پۈركۈش... خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ساددا دېھقان قارامورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېرىدى.

سەمەت مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كەنت كادىرلىرى دائىم ماڭا ئەقىل كۆرسىتىپ، ياخشى ئىشلىسىڭىزلا، ياخشى مورنى تېرىيالايسىز، دەپ رىغبەتلەندۈردى.» بۈگۈنكى كۈندە ئۇ كەنتتىكى مور تېرىش «مۇتەخەسسىس»ىگە ئايلىنىپ، باشقا نامرات ئاھالىلەرنى بىرلىكتە ئىشلەشكە يېتەكلىدى.

ھازىر، قۇمۇشئۆستەڭ كەنتى 45 مولۇق قارامور تېرىش بازىسى قۇردى، يەنە توكسىكلىت قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى، گۆش توشقىنى باقمىچىلىق بازىسى قۇردى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى كۆپەيدى، تېخىمۇ كۆپ «سەمەت»لەر زاۋۇتقا كىرىپ، دېھقاندىن ئىشچىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

■كونا زاماندىن يېڭى دەۋرگىچە

5- ئاينىڭ 9- كۈنى، 72 ياشلىق تۇرسۇنپاتەم جاپپار پېشايۋاندا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ يىل كىچىك ئوغلىنىڭ خوتۇن ئالغاندىن كېيىن ئولتۇرۇشى ئۈچۈن يەنە ئىككى ئېغىزلىق يېڭى ئۆي سېلىشنى ئويلاشتى.

«تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغاچقىلا، يېڭى ئۆي سالالىدۇق!» خۇشاللىقىدىن تۇرسۇنپاتەمنىڭ ئاغزى يۇمۇلماي قالغانىدى. تۇرسۇنپاتەمنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى بىر قەدەر نامرات بولۇپ، ئائىلىسىدىكى نەچچە مو ياڭاقلىق بارلىق كىرىم مەنبەسى ئىدى. ئىلگىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرى كېسەك ئۆيدە تۇراتتى، يامغۇر ياغقاندا ئۆيدىن سۇ ئۆتۈپ كېتەتتى.

2016- يىلى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن نەپ ئالغان تۇرسۇنپاتەم ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۆيدىن غەم قىلمايدىغان بولدى. كەنتتە ئىشچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ چوڭ ئوغلى ئابدۇرېشىت غوپۇرنى سىناپ بېقىشقا ئەۋەتتى، ئوغلى ئويلىمىغان يەردىن قوبۇل قىلىندى. ھازىر ئابدۇرېشىت ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدە ئىشلەيدۇ، ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى. كىچىك ئوغلى ئابدۇۋەلى غوپۇر بۇ يىل بىر نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ كىراكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ قولىدا ئاستا - ئاستا پۇل كۆپەيدى.

«ئىلگىرى نامرات بولغاچقا خوتۇن ئالماق تەس ئىدى، ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، ئوغلۇمغا خوتۇن ئەپ بېرىدىغانغا ماغدۇر بار بولدى» دېدى تۇرسۇنپاتەم خۇشال بولۇپ.

ئوخشاشلا ياخشى دەۋرگە ئۈلگۈرگەن كەنت ئاھالىسى ئەلى روزىنىڭ جاپالىق كۈنلىرى ئاياغلىشىپ ياخشى كۈنلىرى يېتىپ كەلدى. 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى قۇشخانىدا ئىشلەيدىغان ئەلى دەم ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، ئۇ ئۆيگە كىرىپلا خوتۇنىغا ئىككى كۈندىن كېيىن مائاش تارقىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدا، ئەلى ھەممىلا يەردە نېسى قالدۇرىدىغان ئادەم ئىدى. بۇلتۇر كەنتتە ئىشچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەلى يۈگۈرۈپ دېگۈدەك باردى، ئۇ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بۇ پۇرسەتكە ئېرىشىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ھازىر ئۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى قۇشخانىدا ئىشلەپ، بىر ئايدا 3000 يۈەن تاپىدۇ، ئادەتتە دەم ئالغان چاغلىرىدا يەنە قوشۇمچە ئىش قىلىپ، بىر كۈندە نەچچە ئون يۈەن تاپالايدۇ، ۋاقىت چىقىرىپ يەنە ئۆيىدىكى ياڭاقلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. «گەرچە ئازراق جاپالىق بولسىمۇ، ئۈمىد بولغاچقا، ئۆزۈمنى ناھايىتى خۇشال ھېس قىلىمەن.» ئەلىنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۈچ ئايلىق مائاشىنى يىغىپ قويغان بولۇپ، تېخىمۇ راھەت ئولتۇرۇش ئۈچۈن بۇ پۇل بىلەن ئۆيىنى ياخشى بېزەشكە تەييارلىنىۋېتىپتۇ.

بۇ يىل، قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىنىڭ نىشانى ئېغىر نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقىپ، پۈتۈن كەنتتىكى قېپقالغان 63 ئائىلە 2776 كىشىنى ماس قەدەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش. يېڭى دەۋرنىڭ چاقىرىقىدا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۈگۈنكى قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئېشىپ، بېلى تېخىمۇ چىڭىپ، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلىنىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، يېڭى تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ جۇشقۇن ھەم مەزمۇت قەدەم باستى!