导航切换

ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋاسىتە قىلىنىپ سېتىش يولى كېڭەيتىلدى جىڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «تەرەپ-تەرەپكە يول ئالدى»

日期:2025年01月13日
来源:天山网
【字体:


يېقىندا، جىڭ ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا رىياسەتچىسى ھەمراگۈل جۈرئەتنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىۋاتقان ئاۋازى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇردى، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىشى ئارقىلىق جىڭنىڭ ئالقات قۇرۇق مېۋىسى ھەم ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، «ئالاقە تورى+يېڭى كەسىپ ھالىتى»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە يېتىشتۈرۈش مەركىزى ۋە يىغىپ ساقلاش، ئايرىش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بىر گەۋدىلەشكەن ئەشيا ئوبوروتى ئامباردا ساقلاش مەركىزى قۇرۇپ، شۇنفېڭ، پوچتا، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، جىڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ جيەنتىڭ)


ھەمراگۈل خاسلىققا ئىگە ئاسما گىلەمنى تونۇشتۇرماقتا.


2024-يىلى، جىڭ ناھىيەسى بىۋاسىتە كۆرسىتىش دارېنىدىن جەمئىي 880 كىشىنى يېتىشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئالقات ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىدىن 27نى، تاۋباۋدىكى دۇكاندىن 1000دىن ئارتۇقنى قۇردى.