12-ئاينىڭ 14-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى جۇڭچۈ كەنتىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش بازىسىدا، موگۇنىڭ خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، قاتار-قاتار زەمبۇرۇغ خالتىلىرى ناھايىتى رەتلىك تىزىلغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ تۇپراق ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزتاۋ ۋېيمىڭ
ئەتلىك ھەم تەملىك موگۇنى كۆرۈپ، تېرىقچلىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكىلەر موگۇ ئۈزمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى