导航切换

«90-يىللاردا تۇغۇلغان» ھەسەل ھەرىسى باققۇچى يىگىتنىڭ گۈللەۋاتقان «شىرىن» كەسپىگە نەزەر

日期:2024年11月20日
来源:天山网
【字体:


11-ئاينىڭ 14-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ شىيۈەن بازىرى قولچى كەنتىدىكى ھەسەل ھەرىسى باققۇچى مەردانجان ئابدۇۋەلىنىڭ ئۆيىدە، ھەسەل ھەرىلىرى دەستىلەپ قويۇلغان ھەرە ساندۇقلىرىغا يامىشىپ غوڭۇلدىغان ئاۋازلارنى چىقىرىپ تۇراتتى، ھاۋانى ھەسەلنىڭ شېرىن ھىدى قاپلىغانىدى. مەردانجان ئابدۇۋەلى ھەرە توپىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىۋاتاتتى. مەردانجان ئابدۇۋەلى بۇ يىل 28 ياش، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ھەسەل ھەرىسى بېقىشنى سىناق قىلىشقا باشلىدى، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇ تەدرىجىي ھالدا ھەسەل ھەرىسى بېقىشتىكى «تەجرىبىسىز» ئادەمدىن «يەرلىك مۇتەخەسسىس»كە ئايلاندى. ھازىر مەردانجان ئابدۇۋەلى 700 ساندۇقتىن ئارتۇق ھەسەل ھەرىسى بېقىۋاتىدۇ، بىر يىللىق ھەسەل مەھسۇلات مىقدارى 25 توننىغا يېتىدۇ، ئۇ بۇ يىل 20 مىڭ قۇتىدىن ئارتۇق ھەسەل ساتتى، بۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ساتتى، ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

ھەسەل ھەرىسى بېقىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن مەردانجان ئابدۇۋەلى يەنە بۇ «شېرىن»لىكنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يەتكۈزمەكچى بولدى، ئۇ ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ھەسەل ھەرىسى بېقىش سېپىگە قوشۇلۇشقا پائال يېتەكلەپ، ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىنى كۆپچىلىككە قىلچە قالدۇرماي ئۆگەتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى