导航切换

كىچىك رەڭلىك پاختىدىن چوڭ كەسىپ شەكىللىنىپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئېشىشىغا ياردەم بەردى

日期:2024年10月22日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


10-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى رەڭلىك پاختا تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى (ئوڭدىن 1-كىشى) ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە يېڭى رەڭلىك پاختا 25-نومۇرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرسەي زېڭلېفوتوسى، خەۋىرى) «مۇشۇ يىللاردا شىركىتىمىز جەمئىي 3 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە تەبىئىي رەڭلىك پاختا تېرىشنى كېڭەيتىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى تاڭ شوۋۋۇ.

ھازىر دەل شىنجاڭ پاختىسىنى يىغىش پەسلى، جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى زاكاز قىلىپ تېرىغان 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى رەڭلىك پاختىمۇ ھوسۇل يىغىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، نۇرغۇن سودىگەرنى كېلىپ رەڭلىك پاختا كەسپى توغرىسىدا كېڭىشىشكە جەلپ قىلدى. «رەڭلىك پاختىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى يۇقىرى بولغاچقا، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ھەر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىنى 300 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى تاڭ شوۋۋۇ.


پاختا يىغىش ماشىنىسى جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەبىئىي رەڭلىك پاختا سورتىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا رەڭلىك پاختا يىغماقتا.

جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھى) تەمىنلىگەن سۈرەت

جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) جۇڭگو رەڭلىك پاختا پەن-تېخنىكا باغچىسىغا جايلاشقان، يېزا ئىگىلىكىدىكىيۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تەبىئىي رەڭلىك پاختىنى يادرو قىلغان ئۇرۇق تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، پاختا ئېكولوگىيە تەمىنلەش زەنجىرى، ماركا تەمىنلەش زەنجىرى تىجارىتى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. رەڭلىك پاختا تالاسىدىكى فىلاۋون تۈرى ماددىلىرىنىڭ مىقدارى تەبىئىي باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغاچقا، رەڭلىك پاختا يۈرۈشلۈك توقۇلما بۇيۇملىرى بازاردا ئالقىشقا ئېرىشكەن.


10-ئاينىڭ 16-كۈنى، خېرىدارلار جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگو رەڭلىك پاختا ساغلام تۇرمۇش سارىيىدا رەڭلىك پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

بۇ شىركەت تەبىئىي رەڭلىك پاختا كەسپىنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى ۋە باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت مەشئەل پىلانى، ئۇچقۇن پىلانى، 863 تارماق تېما قاتارلىق دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ 100دىن ئارتۇق پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى ھەم تاماملىدى، يەنە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پاختىچىلىق تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ داشۆ قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر ھەم پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ھەر تەرەپلىمە سىستېمىنى بەرپاقىلدى.

بۇ شىركەت دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش بازىسىغا تايىنىپ، «شىركەت+زاۋۇت» «شىركەت+تاشقى سودا» ئەندىزىسى ئارقىلىق تەبىئىي رەڭلىك پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رەڭگى ئوخشاش بولمىغان 70 خىلدىن ئارتۇق پەلەمپەيسىمان رەڭ دەرىجىسىدىكى تەبىئىي رەڭلىك پاختا يىپ، 180 خىلدىن ئارتۇق گۈللۈك ئىلمە توقۇلما رەخت، 110 خىلدىن ئارتۇق گۈللۈك موكا توقۇلما رەخت ھەم «تيەنسەي» ماركىسىدىكى تەبىئىي رەڭلىك پاختا كىيىم-كېچەك، ئائىلە توقۇلما بۇيۇملىرى قاتارلىق توققۇز چوڭ يۈرۈش، 1000 خىلدىن ئارتۇق تەبىئىي رەڭلىك پاختا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىپ، يۇقىرى-تۆۋەن 1000دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ئىتتىپاقى كارخانىسىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشى ئارقىلىق، 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان رەڭلىك پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار كۆلىمىنى شەكىللەندۈردى.

يېقىنقى يىللاردا، جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى رەڭلىك پاختىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىش ۋە كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، سورتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈپ تېرىش، پىششىقلاش، ياساشتىن بازارنى كېڭەيتىشكىچە بولغان بىرقەدەر مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى ھەم «شىركەت+بازا+دېھقان ئائىلىسى» زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى شەكلى ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.


10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە زالىدا رەڭلىك پاختا ئەۋرىشكىسىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.


10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.


جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەبىئىي رەڭلىك پاختا سورتىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان تالاسى ئېچىلىپ بولغان رەڭلىك پاختىلار.

جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى