导航切换

چېگرانى بويلاپ جۇڭگوغا نەزەر سېلىش گۈزەل شىنجاڭنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش | شورلۇق يەردىن مول ھوسۇللۇق ئېتىزىغىچە دېڭىز شالىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى ھوسۇلىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

日期:2024年09月30日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيەسى دېڭىز شېلى قەشقەر پەن-تەتقىقات تەجرىبە بازىسىدا شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زوۋيى فوتوسى، خەۋىرى) «2018-يىلى تۇنجى قېتىم دېڭىز شېلىتېرىلىپ، شۇ يىلى مو بېشى ھوسۇلى 450 كىلوگرامغا يەتتى، 2023-يىلى ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 598.2 كىلوگرامغا يەتتى، بەزى يەرلەرنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 853 كىلوگرامغا يېتىپ، ھوسۇلىدا ئۇدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى. ھازىر، تېخنىكا جەھەتتە بىرقەدەر پىشقان 23 خىل سورت شۇ جايدا كېڭەيتىپ تېرىلىۋاتىدۇ»دېدى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىشىنجاڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىكپەنلەر ئاكادېمىيەسى دېڭىز شالىبىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر دىرېكتورى دۇەن خاۋرەن مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ.

قىزىل دەرياسى بىلەن تەلۋىچىدەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان پاختەكلى يېزىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يىراق-يېقىنغا داڭلىق «شال ماكانى» بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان شورلۇق يەر ۋە ئەنەنىۋى يېزا ئىگىلىكتېرىقچىلىق ئەندىزىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىنبۇ جاينىڭ شال ھوسۇلى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلگەنىدى.

2018-يىلى 6-ئايدا، شېنجېن شەھىرىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو يېزا ئىگىلىكپەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شېنجېن يېزا ئىگىلىك گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقات ئورنى بىلەن «قەشقەر شورلۇق شال ئېكولوگىيە مەركىزى ۋە قەشقەر شورلۇق شال ئېكولوگىيە كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرى» ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەئاشلىق ئامبىرى قەشقەر مەركىزى تۈرىنى باشلىدى. شېنجېندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە شۇ جايدىكىئاممىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا،دېڭىز شېلىپاختەكلى يېزىسىدا يىلتىز تارتىپ ماكانلاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قەشقەر شەھىرىدە تېرىلغاندېڭىز شېلى13 مىڭ مودىن ئاشقان بولۇپ، 10-ئاينىڭ بېشىدا ئورۇشقا باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتراپىدا ئورۇش تاماملىنىدىكەن.

«بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەمىز كۈنىگە 100 توننا گۈرۈچ پىششىقلىيالايدۇ،پاختەكلى يېزىسىنىڭ بۇ يىل ئىشلەپچىقارغان، پىششىقلىغان گۈرۈچىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 60 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن»دېدى قەشقەر گاگالې زامانىۋى يېزا ئىگىلىكتەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جيەنفاڭ.


قەشقەر گاگالې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان دېڭىز شېلىسورتلىرى (9-ئاينىڭ 29-تارتىلغان).


قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلىيېزىسىغا جايلاشقان قەشقەر گاگالې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تەييار مەھسۇلات ئامبىرى (9-ئاينىڭ 29-تارتىلغان).


9-ئاينىڭ 29-كۈنى،خىزمەتچى خادىملار ماشىنىلارنى ھەيدەپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىكپەنلەر ئاكادېمىيەسى دېڭىز شېلى قەشقەر پەن تەتقىقات تەجرىبە بازىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا.


9-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار پاختەكلى يېزىسىدا تېرىلغان دېڭىز شېلىدىن پىششىقلانغان گۈرۈچلەرنى تىزماقتا.


قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دېڭىز شېلى قەشقەر پەن تەتقىقات تەجرىبە بازىسىدا تېرىلغان دېڭىز شېلى(9-ئاينىڭ 29-تارتىلغان).

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى