9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ ـ پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسى كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى ۋە خەۋىرى) «بۇ يىل بىزجەمئىي 530 مىڭ يۈەنلىك شىنمېي ساتتۇق، كېلەر يىلى مەن شىنمېينى تېخىمۇ ياخشى پەرۋىش قىلىمەن»، دېدى 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسىدىكى شىنمېي ئۆستۈرگۈچى كېجىمرېھىم.
گەرچە شىنمېينى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۈزۈش پەسلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پەيزاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقانگۇاڭدۇڭـپەيزاۋاتشىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىدا شىنمېيلار يەنىلا يېڭى پېتى ساقلانماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىشچىلار سىرتلارغا توشۇلىدىغانشىنمېيلارنى ساندۇققا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
«پەيزاۋات ناھىيەسىدە نۆۋەتتە 570 مىڭ مو يەردە شىنمېيئۆستۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 410 مىڭ مو يەردىكى شىنمېي مېۋىگە كىردى، ئۆستۈرۈش كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆستۈرۈشكۆلىمىنىڭ %50ىنى، ھوسۇلىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىندى»، دېدى پەيزاۋات ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىتەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داڭ يۈ.
9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ ـ پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش، تاللاش رايونىدا شىنمېيلارنى ساندۇققا قاچىلىماقتا.
9ـئاينىڭ 29ـكۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىگۇاڭدۇڭـپەيزاۋاتشىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىغابوشلۇقتىننەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ ـ پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسى كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمە قىلىنغان مەھسۇلاتلار.
9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ ـپەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى