باھاردا چېچىلغان ھەربىر ئۇرۇقتىن، كۈزدە ئېلىنار تۈمەنمىڭ تال دان. ئالتۇن كۈزدىكى 9- ئايدا، ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، شال باشاقلىرى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، مېۋىلەر مەي باغلىدى، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى كاتتا ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى، ئېتىز- دالىلاردا، يېزىلاردا ھەر مىللەت ئامما مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.
ساۋەن شەھىرىنىڭ دۇڭۋەن بازىرىدىكى قوناقلىقتا دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ قوناق يىغماقتا. يېقىندا، بۇ بازاردىكى قوناقلار ھوسۇل يىغىش مەزگىلىگە كىردى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىر تال داننىمۇ ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
شۈ گۇاڭيۇڭ فوتوسى
يېقىندا، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 64 مىڭ 300 مو يەردىكى شالدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. بۇ ناھىيەنىڭ چوخور بازىرى بۇجەن كەنتىدىكى مىڭ مولۇق شال تېرىقچىلىق بازىسىدىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ شال ئورۇدى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ھەممە يېرىدە ئالدىراش كۈزلۈك يىغىم مەنزىرىسى نامايان بولدى.
خۇا يەنمىڭ فوتوسى
9- ئاينىڭ 14-كۈنى، ساۋەن شەھىرى دۇڭۋەن بازىرى خۇجياجۇاڭ كەنتىدىكى ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ئېتىزلىرىدا كومبايىنلار مەشغۇلات قىلماقتا.
سۇڭ دەندەن فوتوسى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شى موڭغۇلكۈرە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى ھەر قايسى تۇەن-مەيدانلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى شەكىللەندى. كومبايىنلار ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنى ئىچىدە ئۇياقتىن ـ بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، ئېغىر باشاقلارنى كومبايىنغا تېز سۈرەتتە تارتىپ كىرىۋاتاتتى، دان ئايرىش، ئىلغاش قاتارلىق بىر قاتار ئىش تەرتىپلىرى ئارقىلىق، ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دانلىرى شارقىراتمىدەك ئېقىپ چىقىپ، توشۇش ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىۋاتاتتى. بۇغداينىڭ خۇش پۇرىقى ھاۋانى لىق قاپلىغان بولۇپ، ئۇ تەبىئەتنىڭ دېھقانلارغا بەرگەن ئەڭ ساپ سوۋغىسى ئىدى.
ۋاڭ شىنپىڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرىدا دېھقانلار لازا قۇرۇتماقتا. ئالتۇن كۈز پەسلىدە، «لازا ماكانى» دەپ تەرىپلەنگەن يەنسىخەي بازىرىنىڭ ھەممە يېرى قىپقىزىل لازىلارغا تولۇپ، مول ھوسۇللۇق مەنزىرە نامايان بولدى.
تيەن گوجيەن فوتوسى
9-ئاي كىرىشى بىلەن، چىڭگىل ناھىيەسىدىكى جىغانلار يىلدا بىر كېلىدىغان مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، رەت-رەت، ساپسېرىق، تولۇپ پىشقان جىغانلار شاخلارغا پاتماي قالغانىدى، دانىلىرى ئىنتايىن سۈزۈك، يالتىراق بولۇپ، خۇددى ئالتۇن رەڭ دېڭىزغا ئوخشايتتى. 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرىدىكى جىغانلىقتا، دېھقانلارنىڭ ئالدىراش جىغان ئۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە قاينام تاشقىنلىققا تولغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. جىغان دېھقان-چارۋىچىلارغا مول ھوسۇل خۇشاللىقى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ جىغانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
(چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئېركىن جاخپار، ياڭ ليۇ)
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىر خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسىنىڭ باش لايقا كەنتىدىكى ئەنجۈر ئۆستۈرگۈچى ئاھالە ئابدۇنەبى مەخمۇت ئائىلىسىنىڭ بېغىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئۈزۈش، ئىلغاش، ئوراش-قاچىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئابدۇنەبى مەخمۇت يېڭى ئەنجۈرلەرنى تېزدىن مېۋە-چېۋە سودا بازىرىغا يەتكۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنى بۇ يۇمشاق، يېپىشقاق ھەم تاتلىق ئەنجۈردىن بەھرىمەن قىلدى.
(خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىمۇخبىرىنۇردۇن ئەلى، ئىختىيارىي مۇخبىرخېلىل رۇسۇل)
ئۇزۇن 2-كەنتىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈشى ھازىرغىچە 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۆستۈرۈلگەن 185 سورتى ياڭاقدانىسى چوڭ، پوستى نېپىز، باھاسى ياخشى بولۇش بىلەن داڭلىق، ھەر يىلى ياڭاق ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ بىر تۈرگە تايىنىپلا، كەنت ئاھالىلىرىگە 15 مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. بىر ياڭاقلىقنى قوغدىغانلىق بىر «يېشىل بانكا»نى قوغدىغانلىق.
(ليۇ شۆمېي، ياڭ شيەنتاۋ فوتوسى)
يېقىندا، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي بازىرى تۆۋەنكى جاغىستاي كەنتىدىكى باغۋەنچىلىك بازىسىدا، تۇتاش ئۆستۈرۈلگەن نەچچە مىڭ مو يەردىكى شىنمېي پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، باغۋەنلەر شىنمېينى ئۈزۈش، ئايرىش، توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل ئالدىراشلىقىغا چۆمدى. سۈرەتتە: باغۋەن شىنمېي ئۈزمەكتە.
خۇا يەنمىڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرى يۈتاڭ كەنتىدىكى ئۈزۈمزارلىقتا، كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈۋېلىنغان ئۈزۈملەرنى ئاپتوموبىلغا يۆتكەپ توشۇماقتا.
خې لۇڭ فوتوسى
توقسۇن ناھىيەسى ئىلانلىق بازىرى ئىلانلىق كەنتىدىكى چىلانزارلىقتا چىلان ئۆستۈرگۈچى دېھقانلار ئەمدىلا ئۈزگەن توقاچ چىلاننى ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
لى جىڭخەي فوتوسى
ھازىر، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى 4200 مو يەردىكى شياڭفېي تاشئالمىسى مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، قىپقىزىل شياڭفېي تاشئالمىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى. يېقىندا، قۇتۇبى ناھىيەسى تيەنفۇمياۋمۇ دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى شياڭفېي تاشئالما ئۆستۈرۈش بازىسىدا، قىپقىزىل، چىرايلىق پىشقان شياڭفېي تاشئالمىسى شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ، ئىشچىلار باغ ئارىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شياڭفېي تاشئالمىسىنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر مۇ يالى، ۋاڭ يۇڭچىڭ، لى يۈشىن)
جۇڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى، سوغۇق سۇ قىسقۇچپاقىسى قاتارلىق خاس سۇ مەھسۇلاتلىرى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، بۇ ناھىيەنىڭ داخې بازىرى ۋەنچۈەن سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق مەيدانىدا، تىمەن ئوسېتر بېلىقى سۈپسۈزۈك بېلىق كۆلچىكىدە ئۈزۈپ يۈرەتتى، ئىشچىلار بېلىق ئايرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ باقمىچىلىق مەيدانى ئېقىن سۇ باقمىچىلىقى ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، 4-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن بېلىجانلار ھازىر ناھايىتى ياخشى چوڭ بولۇپ، بازارنىڭ ئىنتايىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
(ئىختىيارىي مۇخبىرلارچېڭ شىخەي، لى كەي)
مول ھوسۇلنىڭ گۈزەل رەڭگى يېزا-كەنت دالىلارنى بىر ئالدى
يەنە شەھەرنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارالدى
مول ھوسۇل
ئېتىز باشلىرىنى ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ
بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ھېكايە بولۇپ قالدى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ ئومۇملاشتۇرۇلدى