ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
− مول ھوسۇل بايرىمىدا يېڭى مەنزىرىنى كۆرۈش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر
زوۋ شېڭ كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇ مىن فوتوسى)
9- ئايدا جۇڭگو زېمىنى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچىگە نەزەر سالساق، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بىپايان ئېتىزلاردا گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
يان تېلېفوندا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتەك يېڭىچە دېھقانچىلىق ئىشىنى قىلىش؛ سېخقا كىرىپ كۆكتات سۈپىتى ۋە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىشنى چىڭ تۇتۇش؛ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئالاقە تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ سېتىش...
ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ يېزا- كەنتلىرىدىكى ئېتىزلاردا زور بىر تۈركۈم مەدەنىي، تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەتكە ماھىر، باشقۇرۇشقا ئۇستا «يېڭى دېھقان»لار يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تېخنىكىلارنى سىناپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەدرىجىي ھالدا كەڭ يېزا زېمىنىدىكى «يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرگۈچى»لەرگە ئايلانماقتا.
ئېتىزدا ئەمەس، سېختا كۆكتات تېرىش
قانداق قىلغاندا LED چىراغ نۇرى ئاستىدا ئۆسكەن شېڭسەينىڭ ۋىتامىن مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يېڭى قۇرتئوتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ قايسى كۆكتاتلار ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا تېرىشقا ماس كېلىدۇ؟ شىنجاڭ زىجىڭ چۇەنسو يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا تېخنىك زوۋ شېڭ كۆكتات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئۈزلۈكسىز خىزمەت جەريانىغا سىڭدۈردى.
شىخەنزە داشۆنىڭ بىيولوگىيە ئىلمى كەسپىدە ئوقۇغان 25 ياشلىق زوۋ شېڭ 2023- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا، شىنجاڭ زىجىڭ چۇەنسو يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكى پاي چەكلىك شىركىتىگە كىرگەنىدى.
بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان LED ئۆسۈملۈك زاۋۇتى سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللىنىشقا كۈچ چىقىرىدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئۆسۈملۈك زاۋۇتى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان يەم- خەشەك زاۋۇتى قاتارلىقلارغا ئىگە بولۇپ، كۆكتات ۋە يەم- خەشەكنى ئىستېرېئولۇق تېرىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كونترول قىلىش، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى 365 كۈن ئۇدا داۋاملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى.
زوۋ شېڭ مۇنداق دېدى: «كارخانىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپى مېنىڭ ئوقۇغان كەسپىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىر ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىنى باشقۇرۇش، كۆكتات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىش، يېڭى ھۈنەر- سەنئەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن، ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا ئۆستۈرۈش دېھقانلارنى <تەبىئەتكە تايىنىش>تىن خالاس قىلدى، بۇ خىل ئۆستۈرۈشتە تۇپراق، قۇياش نۇرىغا تايىنىش بىھاجەت، پەقەت ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ۋە LED چىرىغىنىڭ يورۇتۇشىغا تايىنىپ، كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىپ، كۆكتاتلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشى سىرتنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ، ھوسۇلى يۇقىرى، شۇنداقلا يېشىل، بىخەتەر بولىدۇ، بۇ مېنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە تېخىمۇ قىزىقتۇردى».
زوۋ شېڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش كېرەك. نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق پەن- تېخنىكىنىڭ ئېتىز- ئېرىقلاردا كەڭ ئومۇملىشىشى ۋە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا. يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا يېڭى نەتىجىلىرىنىڭ تېز ئومۇملىشىشى ۋە ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كۆپ «يېڭى دېھقان»نىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.
«بۇلۇت» ئۈستىدە يېڭى مەنزىل ئېچىش
بۇ بىر مەزگىل ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونىنىڭ لۇساۋگوۋ يېزىسى رېنمىنجۇاڭزى كەنتى ئاھالىسى ۋاڭ سۇڭمىننىڭ ئەڭ ئالدىراش بولىدىغان ۋاقتى. ۋاڭ سۇڭمىن مۇنداق دېدى: «جۇڭچيۇ بايرىمى بىلەن دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە زاكاز مىقدارى شىددەت بىلەن كۆپەيدى».
توردا قۇرۇق مېۋە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىن باشلاپ، بۈگۈنكى كۈندە شىركەت قۇرۇشقىچە ۋاڭ سۇڭمىن 236 مىڭ مەستانىسى بار دوۋيىن نومۇرى «ۋاڭبەيۋەن خەيشيەن يوۋشۈەن»نى بەرپا قىلدى.
مىدۇڭ رايونىدىكى يەرلىك راك، قىسقۇچپاقىلارنىڭ ئارقا- ئارقىدىن بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ۋاڭ سۇڭمىننىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى مەھسۇلات تۈرلىرى كۆپەيدى، خېرىدارلىرىمۇ كۆپەيدى.
ۋاڭ سۇڭمىن مۇنداق دېدى: «ئەسلىي تەم، ئەسلىي پۇراق بىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىز، مىدۇڭ رايونىدىن چىقىدىغان <دېڭىز مەھسۇلاتلىرى> يېڭى ھەم ئەرزان بولغاچقا، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى».
بۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ جايغا سېتىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندى.
بۇ بىرنەچچە يىلدا رېنمىنجۇاڭزى كەنتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەنت بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلدى ھەمدە تەربىيەلەشكە تەشكىللەش، ئەمەلىي مەشىق بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، تېخىمۇ كۆپ «چېۋەر كېلىن» «تور سىرتىدىكى دەرسخانا + توردا ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش» ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«بۇلۇت» ئۈستىدە ئېقىم مىقدارى «يېڭى دېھقانچىلىق ماددىي ئەشياسى»غا ئايلاندى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «يېڭى دېھقانچىلىق ئىشلىرى» بولۇپ قالدى.
ۋاڭ سۇڭمىنمۇ كەنتتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا دارېنىغا ئايلاندى، شۇنداقلا 30دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى.
ۋاڭ سۇڭمىن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئېكرانغا چىقىشتىن خىجىل بولاتتىم، ھازىر كۆنۈپ قالدىم، تۈرلۈك تاۋارلار كەنت ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك خالىغانچە ساتسا بولىدۇ، پەقەت كۆڭۈل قويساقلا، يان تېلېفون ئارقىلىقمۇ ئىگىلىك تىكلىگىلى بولىدۇ».
ئەۋزەللىك جارى قىلدۇرۇلۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدىيەسىدىن ياخشى پايدىلىنىش
ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتى 53- نومۇرلۇق خۇينەنشۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىدە 25 ياشلىق شۈ زىخاۋ يېڭى كۆكتات ئەۋرىشكىسىنى مال جازىسىغا تىزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلار ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان يېڭى كۆكتاتلار، بىز بىرتۇتاش سېتىۋالدۇق».
چەت ئەلدە ئوقۇپ بۇلتۇر ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، شۈ زىخاۋ ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا قىزىقتى، شۇنىڭ بىلەن مەقسەت- نىشانى بىردەك يېقىن دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ ناھايىتى تېزلا ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە خۇينەنشۇ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يەرلىك ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى كېڭەيتتى.
شۈ زىخاۋ مۇنداق دېدى: «ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى نۇرغۇن خېرىدارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش. سېتىش يوللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى بىلەن، ھازىر شىركىتىمىز يېڭى كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ ھەم سېتىپلا قالماي، يەنە يەرلىك كالا، قوي گۆشى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتتى».
بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، شۈ زىخاۋ ئۆزىنىڭ تاللىشىدا تېخىمۇ چىڭ تۇردى. بۇ يىل ئۇ يەنە يېڭى ئىدىيەنى تېز قوبۇل قىلىدىغان، يېڭى تېخنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىدىغان، يېڭى تەپەككۇرغا ئىگە دوستلىرى بىلەن 70 مو يەرگە ئورگانىك كۆكتات تېرىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋەتتى، كۆپچىلىك بۇ يەردە كۆكتات ئۈزۈشنى ھېس قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىچە يەتكۈزۈش يوللىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئاچتى.
يېزا ئىگىلىك دىرېكتورلىرى بىرلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەش
9- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونىنىڭ دۇڭگوۋ يېزىسى دۇڭخۇ كەنتىدىكى دېھقان ياڭ فەن ئەترەتتىكى تىراكتورچىلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش بىلەن ئالدىراش بولدى، ئۇلار بۇ ئىككى كۈندە خوتەنگە بېرىپ بەنلەنگېن يىغىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.
45 ياشلىق ياڭ فەن دۇڭگوۋ يېزىسى ياڭ فەن ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى. بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ھازىر تىراكتور، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، كومبايىن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن 17سى بار. دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ جىپسىلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، داۋانچىڭ رايونىدىكى دېھقانلاردىن باشقا، ئۇلار يەنە خوتەن ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ياڭ فەن مۇنداق دېدى: «شوپۇرلارنىڭ ھەممىسى داۋانچىڭ رايونىدىكى دېھقانلار، ئۇلار دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كىرىمگە ئېرىشتى، كۆپچىلىكنىڭ دېھقانچىلىق قىلىش قارىشىمۇ ئۆزگەردى، ماشىنىلىشىش بارغانسېرى ئومۇملاشتى. ماشىنىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى».
ھازىر ئەتراپتىكى نۇرغۇن دېھقان ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، ياڭ فەنمۇ تېخىمۇ كۆپ ماشىنا ئۈسكۈنە سېتىۋالدى، يەنە ئۆزىنىڭ ئەترىتىمۇ بار بولدى.
مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا ياڭ فەن نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ھوسۇل ئېلىش ئەھۋالىنى 1- بولۇپ ئىگىلىيەلەيدۇ. ياڭ فەن بۇ يىل دۇڭگوۋ يېزىسىدىكى نۇرغۇن دېھقاننىڭ بۇغداي، سىلوس قونىقىنى سېتىشتىن غەم قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، سېتىش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.
كەنت ئاھالىسى ياڭ شېڭكۇي مۇنداق دېدى: «ئۆيىمىزدىكى بۇغداي، سىلوس قونىقىنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى، ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بىر غەمدىن قۇتۇلدۇق. ياڭ فەن يەنە بىزنى بازارنى كۆپرەك چۈشىنىشكە، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى مۇۋاپىق پىلانلاشقا يېتەكلىدى، بىزگە تېرىقچىلىق قىلىشتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈردى».
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىگو جۈنگې، جيا مېڭيەن، مۇ مىن، شى چۇەنجى خەۋىرى)