导航切换

ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ ئالدىراشلىق مەنزىرە شەكىللەندى   كەنت ئاھالىلىرى «بەخت مېۋىسى»نى تېز يىغدى

日期:2024年09月20日
来源:天山网
【字体:

يەنە بىر يىلدىكى مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلدى، شىنجاڭ كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرىدىكى 1000 مو يەردىكى ياڭاق يىغىۋېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، كەنت ئاھالىلىرى ياڭاق ئۈزۈپ، خالتىلارغا قاچىلاپ، بۇ مول ھوسۇل پەسلىدە ياڭاق ئېلىپ كەلگەن پۇل تېپىش خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلاندى.


باغۋەنلەر ياڭاق يىغماقتا (ليۇ شۆمېيفوتوسى)

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇزۇن بازىرى ئۇزۇن 2-كەنتىدىكى ياڭاق ئۆستۈرۈش بازىسىغا كىرگىنىمىزدە، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ياڭاق دەرەخلىرىدە، مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەر شاخلارنى ئېگىۋەتكەنىدى، تىراكتورنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە سىلكىش ئارقىلىق، پىشقان ياڭاقلار بەس-بەستە يەرگە چۈشۈۋاتاتتى، باغۋەنلەر دەرەخ ئاستىدا بۇ يىللىق «بەخت مېۋىلىرى»دىن ھوسۇل يىغىۋاتاتتى.

كەنت ئاھالىسى مىجىت ئىسمايىل ھارۋىسىنى ھەيدەپ ئۆزىنىڭ ياڭاقلىقىدا ئۇياقتىن-بۇياققا موكىدەك ئۆتۈپياڭاق يىغىۋاتاتتى. بۇ يىلئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۆت مو يېرىنىڭ ياڭاقلىرى پىشىش باسقۇچىدىلا سېتىۋېلىش سودىگىرى تەرىپىدىن ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى، سېتىۋېلىش باھاسىمۇ بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى.

«بۇ يىل بىر مو يەردىكى ياڭاقتىن 200 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، بۇ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يۇقىرى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ئېتىزلىقىمغا كېلىپ ياردەملەشتى، ئىككى-ئۈچ كۈندىلا يىغىپ بولغىلى بولىدۇ» دېدى مىجىت ئىسمايىل خۇشال ھالدا.

نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتىكى 1400 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئۆلچەملەشكەن ياڭاقلار بەس-بەستە تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى، يىغىۋېلىش مەزگىلىدە، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىمۇ پىدائىيلارنىياڭاق ئۈزۈشكە قاتنىشىشقا پائال ماسلاشتۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاقنى ئاپتاپقا سېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەنتتىكى بوش مەيدان بىلەن تەمىنلىدى.


باغۋەنلەر ياڭاقنى ئاپتاپقا سالماقتا (ليۇ شۆمېي فوتوسى)

ئۇزۇن 2-كەنتىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈشى ھازىرغىچە 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۆستۈرۈلگەن 185 سورتى ياڭاقدانىسى چوڭ، پوستى نېپىز، باھاسى ياخشى بولۇش بىلەن داڭلىق، ھەر يىلى ياڭاق ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ بىر تۈرگە تايىنىپلا، كەنت ئاھالىلىرىگە 15 مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. بىر ياڭاقلىقنى قوغدىغانلىق بىر «يېشىل بانكا»نى قوغدىغانلىق.

كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرى ئۇزۇن 2-كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پەيزۇللا قۇربان مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ دېھقان ئائىلىلىرىگە ھەر تەرەپلىمە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلمىيلاشقان پەرۋىش قىلىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۆستۈرۈشنى بىلمەسلىك ۋە ياخشى ئۆستۈرەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەرۋىش قىلىدىغان ئادەم بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، شۇڭا بۇ يىل ياڭاقلارنىڭ مېۋىلەش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولدى، بىر مو يەردىن 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە كىرىم قىلغىلى بولىدۇ».

سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياڭاق سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياڭاق بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ياڭاق سېتىشغېمىدىنقۇتۇلدۇردى. (ليۇ شۆمېي، ياڭ شيەنتاۋ)