ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ يۈپىڭ
8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچقۇرۇن، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرى كۆكتېرەك كەنتىدىكى نۇرجول مىللىي كەشتىچىلىك قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئالتىنگۈل قۇسايىن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى موڭغۇلىيەگە سېتىلىدىغان بىر تۈركۈم زاكازنى جىددىي تەييارلاۋاتاتتى.
60 - يىللاردا تۇغۇلغان ئالتىنگۈل خىزمەتتە دادىل ئويلايدىغان، دادىل ئىشلەيدىغان، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدىكى «ئايال ئەزىمەت» ئىدى.
ئالتىنگۈل مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭلارنىڭ تەسىرىدە كەشتىچىلىكنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. 1994 - يىلى، يۇرتۇمدا تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىدىم، دەسلەپتە كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بارا - بارا بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، زاكازمۇ كۆپەيدى. 2016 - يىلى، دۇكىنىمنى كېڭەيتىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردۇم، كوپىراتىپقا 30 كىشى قاتناشتى، ئۇلار ئىشلىگەن كەشتە مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە چەت ئەللەرگە سېتىلدى.
تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى ئىشىك ئالدىدىلا بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالتىنگۈل ئۇلارغا كەشتىچىلىك تېخنىكىسى، كەشتە تىكىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قىلچە قالدۇرماي ھەقسىز ئۆگەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېھتىياجى بار كەشتىچى ئاياللارنى ئۈسكۈنە بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. ھازىر، ئۇ يېتىشتۈرگەن كەشتىچى ئاياللارمۇ بەس - بەستە شەھەر - يېزا ئەتراپىدا كەشتىچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، بېيىش يولىغا ماڭدى.
سايراگۈل ئۇلىقپان نەپ ئالغۇچىلارنىڭ بىرى. دەسلەپ كوپىراتىپقا كەلگەندە، سايراگۈل ئالتىنگۈلگە ئەگىشىپ كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەندى، كېيىن ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازاندى، ئالتىنگۈل مەبلەغ چىقىرىپ ئۇنىڭ دۇكىنىنى بېزىشىگە ياردەم بېرىپ، كەشتە تىكىش ماشىنىسى، تورلاش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سوۋغا قىلدى، يەنە ئۇنىڭغا تىجارەت يولىنى ئۆگەتتى، سايراگۈلنىڭ كەشتىچىلىك دۇكىنى كۈندىن - كۈنگە روناق تاپتى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئالتىنگۈل ھەر كۈنى يەنىلا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئالدىراش بولۇپ، كەشتىچى ئاياللارنى باشلاپ بىللە لايىھەلەپ، نۇسخا سىزىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى بەخت مەدەنىيىتى، تۆگە مەدەنىيىتى، بېلىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ئامىللارنى مەھسۇلاتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ياشلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.