يېقىندا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش باش پونكىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى 600 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەز ھوسۇلىنى ئۆلچەپ، ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىك ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرۋاڭ ۋېنشيا)
يۈەنخۇسۇن بازىرى ۋېنچاڭ كەنتىدىكى پاختىكار دېھقان دۇ يۇڭپىڭنىڭ كېۋەزلىكىدە، مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، ساناش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پاختا مەھسۇلات مىقدارىنى ھېسابلاپ چىقتى. دۇ يۇڭپىڭ بۇ يىل 100 مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، ھەر بىر تۈپىدە 9-8 تال غوزا بار ئىدى. مەھسۇلاتنى ئۆلچەش ئارقىلىق، بۇ كېۋەزلىكتىكى ھەر مو يەردىن 550 كىلوگرام ئەتراپىدا پاختا ئالغىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
كېۋەزلىكتىكى كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى