导航切换

يەكەن: سەبدەگۈل تېرىقچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ بېيىتتى

日期:2024年08月28日
来源:天山网
【字体:


نۆۋەتتە، يەكەن ناھىيەسىدە سەبدە گۈل ئۈزۈش مەزگىلى يېتىپ كەلدى. يېقىندا دۆڭباغ يېزىسىنىڭ دۆڭباغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى گۈل دېڭىزىدا سەبدەگۈل ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. دۆڭباغ كەنتى «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق سەبدەگۈلنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل بۇ كەنتنىڭ سەبدەگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى 350 موغا كېڭىيىپ، ھوسۇل مىقدارى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى، سەبدە گۈل كەسپى كەنت ئاھالىلىرىگە كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كەلدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرلاريەن شۆچىن، قەلبىنۇر ئەخەت


كەنت ئاھالىلىرى ئۈزگەن سەبدە گۈللەر.


سەبدەگۈل تەركىبىدىكى كىسانتوفىل يېمەكلىك، دورا ۋە گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇپ، سەبدەگۈل كەسپىگە كۈچلۈك بازار ھاياتىي كۈچى قوشتى. سۈرەتتە: يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر سەبدەگۈل پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا خىزمەتچى خادىملار سەبدەگۈل تەركىبىدىكى كىسانتوفىلنى ئايرىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى