يېقىندا، قەشقەر شەھىرى ئاققاش يېزىسى قۇم مەھەللىسى كەنتىدىكى شۆجۈ ئېتىزلىقىدا، ئالتۇن رەڭلىك شۆجۈلەر مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى، يېڭىدىن پورەكلەپ ئېچىلغان شۆجۈنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ، كىشىگە كۆتۈرەڭگۈ روھىي كەيپىيات بېغىشلايتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، خاس تېرىقچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېڭى يول ئاچتى.
(ئىختىيارىي مۇخبىرلارجاڭ يۆجياۋ، فەن جىچياڭ، شىرئەلى)
كەنت ئاھالىلىرى شۆجۈ ئۈزمەكتە.
كەنت ئاھالىلىرى بايىلا ئۈزگەن شۆجۈلەرنى كۆرسەتمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى