شىخۇ شەھىرى شىداگۇ بازىرىدىكى قوناقلىق(8-ئاينىڭ 18-كۈنى تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىخۇ شەھىرىنىڭ شىداگۇ بازىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەلا سۈپەتلىك كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، 2023-يىلى شىداگۇ بازارلىق پارتىيە كومېتىتىكەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن4 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىخۇ شەھىرىشىداگۇ بازىرىجىنخۇاڭ داۋسۈي كۆممىقوناق پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇرۇپ، كۈنىگە 30 توننا كۆممىقوناق خام ئەشياسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئۈچنى قۇردى، ئاساسلىقى كۆممىقوناق ئۇنى، كۆممىقوناق مەدىكى، كۆممىقوناق چۆپى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ، يىللىق سېتىش سوممىسىنى 2 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى. ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپكىرىمىنى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇردى ھەم20دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشۇردى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، كۆممىقوناق پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى قوناق چۆپى ئىشلەپچىقارماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، كۆممىقوناق پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى كۆممىقوناقنى ئاپتاپقا سالماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى