8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىخۇ شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۇشۇچۈەن كەنتىدىكى «شال بىلەن راكنى تەڭ يېتىشتۈرۈش» باقمىچىلىق نۇقتىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر(تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى ۋە خەۋىرى) «كىچىك راك بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق راكىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى ناھايىتى كۆپ، ھازىر ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى.»8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىخو شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۈشۇچۈەن كەنتىدىكى «شال بىلەن راكنى تەڭ يېتىشتۈرۈش» باقمىچىسى يۈ پېڭ شۇنداق دېدى.
شۇ كۈنى، 2024-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۈشۇچۈەن كەنتىدىكى «شال بىلەن راكنى تەڭ يېتىشتۈرۈش» باقمىچىلىق نۇقتىسىغا كىرىپ، باقمىچىلىق يېڭى ئەندىزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
8-ئاي كىرىشى بىلەن، شىخو شەھىرى چىگىشور بازىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق راكى، كىچىك راك يېڭى پېتى بازارغا سېلىندى، ئۇنىڭ دانىسى چوڭ، تەملىك، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
شىخۇ شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۈشۇچۈەن كەنتى تىيانشان تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى مۇۋاپىق، سۇ سۈپىتى ياخشى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. 2019-يىلى، باقمىچى يۈ چاڭچىڭ كۆپ يىللىق بېلىق بېقىش تەجرىبىسىگە تايىنىپ، جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق راكى كىرگۈزۈپ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى، بىر نەچچە يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، ھازىر باقمىچىلىق كۆلىمى 150 موغا كېڭەيدى.
2024-يىلى يۈ چاڭچىڭ كۆلەمنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، 3 مىليون دانە جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق راكىنى كىرگۈزدى، ئىككى ئايدىن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ بېقىش ئارقىلىق، ھازىر ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى. يۈ چاڭچىڭ يەنە 360 مىڭ دانە كىچىك راك لىچىنكىسى كىرگۈزۈپ، شال ئېتىزىغا قويۇپ «شال بىلەن راكنى تەڭ يېتىشتۈرۈش»نى سىناق قىلدى، شاللىققا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلمىدى، خىمىيەۋى ئوغۇت بېرىلمىدى، ھازىر كىچىك راك لىچىنكىسى ياخشى ئۆسۈپ، ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى.
«كېيىنكى قەدەمدە بىز ھوجۇم قىلىدىغانباقمىچىلىق تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلە راك لىچىنكىسىنى شاللىققا ماكانلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت، كېلەر يىلى ئەتىيازدا يەرلىك راك مايسىلىرىنى بازارغا سالساق، تېخىمۇ كۆپ باقمىچىلارنى راك بېقىشقا يېتەكلىيەلەيمىز» دېدى شىخۇ شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى ۋاڭ چاۋ تونۇشتۇرۇپ.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، باقمىچىلار شىخو شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۈشۇچۈەن كەنتىدىكى «شال بىلەن راكنى تەڭ يېتىشتۈرۈش» باقمىچىلىق نۇقتىسىدا راك تورى سالماقتا.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، باقمىچىلار شىخو شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۈشۇچۈەن كەنتىدىكى «شال بىلەن راكنى تەڭ يېتىشتۈرۈش» باقمىچىلىق نۇقتىسىدا جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق راكىغا يەم بەرمەكتە(تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىخۇ شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۈشۇچۈەن كەنتىدىكى «شال بىلەن راكنى تەڭ يېتىشتۈرۈش» باقمىچىلىق نۇقتىسىدا كىچىكراك ياخشى يېتىلدى.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، زىيارەت گۇرۇپپسىدىكىلەرشىخۇ شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۈشۇچۈەن كەنتىدىكى «شال بىلەن راكنى تەڭ يېتىشتۈرۈش» باقمىچىلىق نۇقتىسىدا زىيارەت قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى،شىخۇ شەھىرى چىگىشور بازىرىنىڭ يۈشۇچۈەن كەنتىدىكى «شال بىلەن راكنى تەڭ يېتىشتۈرۈش» باقمىچىلىق نۇقتىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر(تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى