导航切换

يېرىم يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانلىق مەلۇماتى نېمە ئۈچۈن مۇقىم ئاشتى

日期:2024年08月06日
来源:天山网
【字体:

ئالدىنقى ئالتە ئايدا شىنجاڭدا شەھەر - بازارلاردا 314 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %68.3ى ئورۇندالدى

يېرىم يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانلىق مەلۇماتى نېمە ئۈچۈن مۇقىم ئاشتى


8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، لوپنۇر لىخۇا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ رەخت توقۇش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار رەخت دەستىلەش مەشغۇلاتى قىلماقتا. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ زاۋۇت شۇ جايدىكى 180 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تەمىنلەش - ئېھتىياج سۇپىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى يېڭى ئېشىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. ئاۋ چيۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى ھەر تەرەپلىمە، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلىدى ھەم نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا 314 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا 460 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنىڭ %68.3ى ئورۇندىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانلىق مەلۇماتى تېز ھەم مۇقىم ئاشتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ئايلىنىش تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

سىياسەت يېتەكچىلىكىدە سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ماسلىقى، قاراتمىلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلىگە تەرەققىيات نەزەرى بىلەن قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئوخشاشلا بىر ھەرىكەتچان جەريان بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، ھازىر بار بولغان سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يېڭى ئەھۋاللار مۇقەررەر ھالدا سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويىدۇ.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، شىنجاڭ مېينىكاڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى باشقۇرغۇچىسى ياڭ فەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا چۈشۈش ئالدىدا تۇرغانلارغا شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ياڭ فەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كارخانىمىز قوبۇل قىلغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى.

«بۇلتۇر، بىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن تۆتنى قوبۇل قىلدۇق، ھۆكۈمەت بىر كىشىگە 1500 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە كارخانىمىزغا بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بىز يەنە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن يەتتىنى قوبۇل قىلدۇق، سىياسەتنىڭ كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش رولى نامايان بولماقتا» دېدى ياڭ فەن.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاچقۇچ تىجارەت سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، كارخانا تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغاندىلا، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاندىن تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسىدا «بىۋاسىتە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ تېز بېجىرىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش... بۇلتۇردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، شىنجاڭ كارخانىلاردىن ئىبارەت قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى باسقۇچ بويىچە ھەل قىلىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، «تۆۋەنلىتىش، قايتۇرۇش، تولۇقلىما بېرىش، كېڭەيتىش» قاتارلىق كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. 2024 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كارخانا ۋە شەخسلەر ئۈچۈن ئەمەلىيلەشتۈرگەن سىياسەت خاراكتېرلىك مەبلەغ 6 مىليارد 734 مىليون يۈەن بولۇپ، سىياسەت ئارقىلىق يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىش بىلەن بىللە، يەنە كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى بىر توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك شىركىتىدە، كارخانا ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى گېڭ لىلى ھېساباتقا كىرگەن 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇلغان مەبلەغقە قارىتا ئىشلىتىش پىلانى تۈزدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويدى. سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى 12 ئايدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان، ئۆتكەن يىلى خادىم قىسقارتمىغان ياكى خادىم قىسقارتىش نىسبىتى ئۆتكەن يىللىق مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى كونترول قىلىش نىشانىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، خادىمى 30 كىشى(30 كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %20ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. گېڭ لىلى تۇرۇشلۇق بۇ كارخانا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا بولۇپ، قايتۇرۇش نىسبىتى %60كە يەتتى.

«بۇ پۇلنى بىز مەخسۇس ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىپ، سۈپەت سىستېمىسى، يىپ ئېگىرىش تېخنىكىسى، يۇڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى بوياش ھۈنەر - سەنئەت قائىدىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىمىزنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق» دېدى گېڭ لىلى.

مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلە، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچى سىنىلىدۇ.

شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ «يېرىم يىللىق دوكلاتى»نى ۋاراقلىساق، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 921 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان. ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەربىر كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كەينىدە تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ئېھتىياجى بار.

«نۆۋەتتە، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى تۆت كان، بىر زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە باشلىدى، بۇ تۈرلەر بۇ ئىككى يىلدا كەينى - كەينىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، كۆپ ساندىكى تۈر قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ يىل ھازىرغا قەدەر، ئەتىيازلىق خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش، مەكتەپلەردە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، گۇرۇھىمىز 2024 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 290دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر شىنجاڭنىڭ يېشىل كانچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشتىكى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بولۇپ قالىدۇ» دېدى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى تەشكىلات - كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ لىجيەن.

ئىقتىسادنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش پەقەت بىرىنچى قەدەم. ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يەنە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغان - داۋاملاشمايدىغانلىقىغا، يۇقىرىنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا تولۇق ئەمەلىيلىشىدىغان - ئەمەلىيلەشمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى بازار، مەھەللە، باغچە، سودا چەمبىرىكى قاتارلىق ئادەم زىچ توپلاشقان مەيدان - سورۇنلارغا كىردى؛ «كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش» دائىملىق قانات يايدۇرۇلدى؛ 63 كارخانا گەنسۇ، سىچۇەن، خېنەن قاتارلىق ئالتە ئۆلكە )ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)گە بېرىپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ئەمگەك - مۇلازىمەت ھەمكارلىقى بويىچە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەندى... ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىش ئورنى سۇ كۆلچىكىنى كېڭەيتىپ، باھار شامىلى ھەرىكىتى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى، كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش − چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى، پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېيى قاتارلىق 11 تۈرلۈك مەخسۇس پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، 2969 مەيدان قېتىم تۈرلۈك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى 987 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمىنى كېڭەيتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان، قاتلام - دەرىجىسى ئېنىق بولغان، ئىقتىدارى بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان بەش دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈپ سانى ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئېنىقلاش ئاساسىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى قاراتمىلىقى بولغان سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قىلىش، ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە ئاساسىي ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى شياۋشياۋ مۇزىكا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىدە، ئارداق قادىر مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن ئاتا - ئانىلارغا ھەربىر خىل چالغۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پىششىق تونۇشتۇردى. «يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاتا - ئانا بالىلىرىنىڭ بىر خىل چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشىنى خالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كەسىپ مىقدارىمىزمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئاشتى» دېدى ئارداق.

بۇلتۇر 6 - ئايدا، ئارداق ئىلى سىفەن داشۆسى مۇزىكا ئىلمى كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ئىزچىل مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىدى. ئارداق يۇرتى توققۇزتارا ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بويىچە مەھەللىدە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى، سانلىق مەلۇماتلار توققۇزتارا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە يوللانغاندىن كېيىن، توققۇزتارا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش كادىرلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا ئارداق بىلەن ئالاقىلەشتى ھەم ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە قايسى ساھەلەردە ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى تەپسىلىي سورىدى.

بىر قېتىملىق كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈچ قېتىملىق ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش، بىر قېتىملىق ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قىلىش پۇرسىتىدىن ئىبارەت «131» ياردەم قىلىش - يۆلەش مېخانىزمىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، توققۇزتارا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئارداقنىڭ مۇۋاپىق خىزمەت ئورنى تېپىشىغا ياردەم بەردى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەشتە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى

نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى مۇقىملاشتۇرغاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىسى، ھەم جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ياشلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى تۇتتى.

يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر بىر قاتار پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي يوللىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ قاراتمىلىق ھالدا «بىرگە بىر» دەل جايىدا ياردەم قىلىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۆۋەن چېكىنى تولۇق، دەل جايىدا، پۇختا كاپالەتلەندۈردى.

«بۇلتۇر ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن ئىزچىل مۇۋاپىق خىزمەت ئورنى تاپالمىدىم. ئەگەر مەھەللىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش كادىرلىرى بولمىسا، بەلكىم مەن ھازىر يەنىلا كەسىپ تاللاش يولىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن بولاتتىم.» 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى بىر كارخانىدا جۇ شۈەنكۇن خىزمەت ئورنىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

2023 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى يىنبىن كۆۋرۈكى مەھەللىسى جۇ شۈەنكۇننىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى ھەم ئۇنى دەل ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش ئوبيېكتى قىلدى.

«مەھەللە كادىرلىرى دائىم ماڭا تۈرلۈك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ۋە مۇۋاپىق ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ، مېنى ئاۋۋال ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئاندىن كەسىپ تاللاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىكىر يولۇمنى ئۆزگەرتىشىمگە ياردەم بېرىپ، ئاخىرىدا تەۋەلىك رايوندىكى كارخانىدىن خىزمەت تېپىشىمغا ياردەم قىلدى» دېدى جۇ شۈەنكۇن.

دەل جايىدا ياردەم قىلىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى نىشان قىلىپ كۈچەپ، ھەقىقىي تۈردە كەسىپنىڭ ئالدىنقى سېپى، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش تۈر قاتلىمى ۋە تەربىيەلەش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

2021 - يىلى، ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئۆگەنگەن تېخنىكىسىغا تايىنىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئاياغ جىلغا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇتۇرسۇن تۇردىمەمەت ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئورنى ئاچقان بولسىمۇ، كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئۇ ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، كەنتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس كادىرى ئۇنى قاراقاش ناھىيەلىك ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە بېرىپ ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ كەسپىنى نوقۇل ساقلىقنى ساقلاش بويىچە ئۇۋۇلاشتىن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، تېرە ئاسراش قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەرگە كېڭەيتتى.

«ھازىر ھەر ئايدا 6000 يۈەن ئەتراپىدا ساپ پايدا ئالىمەن، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ ئىگىلىگەن ماھارىتىم ئۆمرۈمدىكى تۈگىمەس بايلىق بولۇپ قالدى» دېدى بۇتۇرسۇن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ جەمئىي 840 مىڭ 200 ئادەم قېتىم تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان. بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ مائارىپ بىلەن كەسىپنىڭ چوڭقۇر ماسلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش تاماق قاچىسىنى تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ مەھكەم، تېخىمۇ ياخشى تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.