ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا
7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى سەكسەن كەنتىدىكى بىر ساتىراشخانىدا، 24 ياشلىق ساتىراش روزىمەمەت ئابدۇۋايىت خېرىدارلارنى قىزغىن كۈتۈۋاتاتتى، ساتىراشخانىنىڭ مۇھىتى ياخشى، ئازادە بولۇپ، مودا ۋە سەنئەت پۇرىقىغا تولغانىدى.
«ساتىراشخانامدىكى تامنىڭ رەڭگى، ئاسما چىراغ ھەمدە جايلاشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈم ئويلىغان بويىچە بولدى، گەرچە ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، ئاددىي، ئازادە بولۇپ، خېرىدارلارغا ياخشى چاچ ياسىتىش مۇھىتى يارىتىپ بەردىم» دېدى روزىمەمەت.
روزىمەمەت ئۆيدە بالىلارنىڭ چوڭى بولۇپ، دادىسى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، ئانىسى خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجان كوچا باشقارمىسى قوتاق مەھەللىسىدە تازىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇنىڭ يەنە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنى - سىڭىللىرى بار بولۇپ، ئائىلىسى زور ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كەلگەنىدى.
2024 - يىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى يولغا قويدى، روزىمەمەت ئائىلىسىدىكىلەر باقمىچىلىق، تېرىقچىلىقتىن تارتىپ يەنە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكىچە بولغان تۈر مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، جەمئىي 13 مىڭ 830 يۈەن مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولدى.
«بۇلتۇر 10 - ئايدا، مەن بۇ ساتىراشخانىنى ئاچتىم.» روزىمەمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەنت ئائىلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىز ئۈچۈن كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، بۇنىڭدا جەمئىي ئون تۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە ساتىراشخانام 2000 يۈەن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش مۇكاپات تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي بېسىمىمنى يېنىكلەتتى.
گۇجانباغ يېزىسى بىلەن خوتەن شەھەر رايونىنىڭ ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ، قاتناش قولايلىق بولسىمۇ، يەر بىرقەدەر ئاز ئىدى. روزىمەمەت ئائىلىسىنىڭ 3.5 مو يېرى بار بولۇپ، ئاساسلىقى ياڭاق ئۆستۈرەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيىدە يەنە بىر كالىسى، ئالتە قويى بار ئىدى ھەم ھويلىسىدا كۆكتات ئۆستۈرەتتى.
گۇجانباغ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تۇرغۇن غۇلام مۇنداق دېدى: يېزا كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى ئالغا سىلجىتقاندا، ھەربىر ئائىلە دۇچ كەلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ «نېمە قىلغۇسى بارلىقى، نېمىنى قىلالايدىغانلىقى»نى چۆرىدەپ، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىشتىن ئىبارەت ياردەم قىلىش - يۆلەش پىلانىنى تۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي يار - يۆلەك بولۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنى ئاشۇردى.
«مەسىلەن، روزىمەمەت ئائىلىسىنىڭ باقمىچىلىق تەجرىبىسى بارلىقىغا قارىتا، بىز ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نەسىللىك ئىنەك سېتىۋېلىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلدۇق، ھەربىر ئىنەككە 4000 يۈەن مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىلدى.» تۇرغۇن غۇلام مۇنداق دېدى: مەبلەغنىڭ قوللىشى بىلەن، روزىمەمەت ئىككى ئىنەك سېتىۋالدى، ئۆيىدىكى كالا ئۈچكە يېتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن باقمىچىلىقنى زورايتىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئاساس سالدى.
روزىمەمەت ئائىلىسىنىڭ ياڭاقنى پەرۋىش قىلىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھوسۇلى تۆۋەن بولۇپ، ياخشى باھادا ساتالمىغانىدى. بۇ يىل، كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىش تۈرى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ياڭاقلىقى شالاڭلاشتۇرۇش، چاتاپ شەكىلگە كەلتۈرۈش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە بېرىلگەن 2012.5 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇ مەبلەغ گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، دېھقانلار ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەندى، ياڭاقنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دېھقانلارنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، پەرۋىش قىلىش ئېڭى يېتىلدۈرۈلدى. «بۇلتۇر، گۇجانباغ يېزىسىدىكى ياڭاقنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 168 كىلوگىرام بولدى، بۇ يىل يېزا بويىچە ياڭاقنى شالاڭلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، چاتاپ شەكىلگە كەلتۈرۈش ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلگەن مەبلەغ 290 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ياڭاقنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 200 كىلوگىرامغا يېتىپ، ھوسۇلى ۋە سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى تۇرغۇن غۇلام.
بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى، مەھەللىۋى ئوغۇت توپلاش - ئىشلەپچىقىرىش، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش... خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلاشقان كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلدى، بۇ، كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلىدى.
«كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنىڭ ئائىلىمىزگە بولغان ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولدى، مەن كېلەر يىلى يەنە بىر يىل ئىلتىماس قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.» روزىمەمەت مۇنداق دېدى: ھازىر ساتىراشخانامنىڭ ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئارتۇق بولۇۋاتىدۇ، ئاتا - ئانامنىڭ خىزمىتى مۇقىم، ئائىلىمىزنىڭ باقمىچىلىقى، تېرىقچىلىقىمۇ ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
تۇرغۇن غۇلام مۇنداق دېدى: گۇجانباغ يېزىسى شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا بولۇشتەك رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن، شەھەر رايونىدا ئىش ئورۇنلىرىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى شەھەردە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، قاتناش قولايلىق بولۇش شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، كوچا، يول بويى ئەتراپىدا مەززىلىك تائاملار كوچىسى ۋە خاس كاۋاپ كوچىسى ئېچىپ، پۈتۈن يېزىدىكى 268 پارنىك ۋە 248 ئەگمە پارنىكقا بىرلەشتۈرۈپ كۆكتات، مېۋە - چېۋە ئۈزۈش خاس سەيلە - ساياھەتچىلىكىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى، نەتىجىسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى.