导航切换

قۇتۇبىدا تۇنجى ئېڭىزغا تېرىلغان چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ھوسۇلى ئۆلچەندى

日期:2024年07月05日
来源:天山网
【字体:


​ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لۇڭيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىزەمبۇرۇغ ئوتى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېخنىكلارنى تەشكىللەپ، ۋۇگۇڭتەي بازىرى داچۈەن كەنتىدىكى تېرىلغىنىغا50 كۈن بولغانچوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ھوسۇلىنى ئۆلچىدى، ھوسۇلىنى ئۆلچەش ئارقىلىق تۇنجى ئېڭىزغا تېرىلغان چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 6.33 توننىغا يەتكەنلىكى ئېنىقلاندى، پۈتۈن يىللىق مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 18 توننىدىن ئاشىدىغانلىقىمۆلچەرلەندى. 2023-يىلى 7-ئايدا، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لۇڭيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى دۆلەت زەمبۇرۇغ ئوتى مەركىزىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى لىن جەنشى پەن تەتقىقات كوللېكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، قۇتۇبى ناھىيەسىدە چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ يىل ئەتىياز كىرىشى بىلەن قۇتۇبى ناھىيەسى زەمبۇرۇغ ئوتى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇردى، ھازىر مىڭ موغا يېقىن يەرگە چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتى تېرىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلارۋاڭ يۇڭچىڭ،ليۇ يەنخۇي)


مۇتەخەسىسلەر يەككە تۈپىنىڭ ئېغىرلىقى، تېرىش زىچلىقى، تۈپلىنىش مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئۆلچەش ئارقىلىق چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ھوسۇلىنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچىمەكتە.


مۇتەخەسسىسلەر چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىمەكتە.

چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتى بىر خىل يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ بولۇپ، «ئوت-چۆپ شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئوزۇقلۇقى مول، يىرىك ئاقسىل مىقدارى كۆممىقوناق غولىنىڭكىدىنئىككى، ئۈچھەسسە يۇقىرى، بىر يىلدا ئىككى قېتىمدىن، ئۈچ قېتىمغىچە ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ،چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىكى ئوت-چۆپ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى