كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياشلىق ناخشىسىنى پۈتۈش

日期:2019年05月08日
来源:新疆日报网
【字体:

نامراتلىق سەۋەبىدىن ئۇزاق مۇددەت قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر كەنتتە، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىر توپ ياشلار تەرىپىدىن ئۇرغۇتۇلماقتا.

كەنتتە نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلغاندىن بۇيان، بىز كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە ئىختىيارسىز نەزەرىمىزنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا ئاغدۇردۇق. ئۇلار خۇددى باھار شامىلىغا ئوخشاش دالىلاردىكى ياڭاق دەرەخلىرىنى كۆكەرتتى؛ خۇددى بىر بايراققا ئوخشاش كەنتتىكى ياشلارنى ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇغا يېتىشكە يېتەكلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيىتى بار، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئىرادىلىك، ئارزۇسى بار يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقتى.

قۇمۇشئۆستەڭ كەنتىدە، بىز ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق مۇجەسسەملەنگەن كۈچنى خۇشاللىق ئىچىدە ھېس قىلدۇق: يېزا - كەنتلەر گۈزەللەشتى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارى كۈچەيدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇ كۈچ ئۇرغۇماقتا، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولماقتا، شۇنداقلا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى نامايان قىلماقتا.