导航切换

كورلىدىكى 5700 مو شاپتۇل ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى

日期:2024年06月27日
来源:天山网
【字体:


يېقىندا، كورلا شەھىرىنىڭ لەڭگەر يېزىسى، يېڭىشەھەر يېزىسى، شىنىر بازىرىدىكى شاپتۇللۇقلاردا، تۇتاش كەتكەن شاپتۇل دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى شىرنىلىكشاپتۇل، ماڭگو توغاچ شاپتۇل بىلەن لىق تولدى، شاپتۇللۇق باغنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىراش سىمالار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ھازىر، كورلا شەھىرىدە ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ماڭگو توغاچ شاپتۇل، شىرنىلىكشاپتۇل، ياپىلاق توغاچ شاپتۇل قاتارلىق تۈرلۈك سورتتىكى شاپتۇللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5700 موغا، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى تەخمىنەن 800 كىلوگرامغا، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەنت ئاھالىسى شىرنىلىك شاپتۇل ئۈزمەكتە. (ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا)


كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈۋالغان شاپتۇللارنى توكسىكىلىتقا يۆتكىمەكتە.


كەنت ئاھالىلىرى شىرنىلىك شاپتۇللارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى