«ياخشى ياساش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئاسراش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش». ئون يىلدىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، ناھىيە بويىچە يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 3865.7 كىلومېتىرغا يەتتى،يېزا تاشيولى پۇقرالارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بېيىش يولى، بەخت يولى، قەلبداشلىق يولى، گۈللىنىش يولىغا ئايلاندى.
پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ 2024-يىللىقيېزا-كەنت كەسىپلىرى يولى قۇرۇلۇشى تۈرىدە جەمئىي سەككىز قۇرۇلۇش بۆلىكى بار، جەمئىي 53 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 70.66 كىلومېتىر بولۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ توققۇز يېزا-بازىرىدىكى 17 كەنتكە مۇناسىۋەتلىك، تۈر پۈتكەندىن كېيىن يول بويىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ.
يېزا يولىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، پەيزاۋات ناھىيەسى 383.6 كىلومېتىر ناھىيە يولى، 944.2 كىلومېتىر يېزا يولى، 2537.9 كىلومېتىر كەنت يولىنىڭ ھەممىسىگە «يول باشلىقى» تەسىس قىلدى، 1254 كىشىلىك دائىملىق يول ئاسراش ئەترىتى تەشكىللىدى.
(پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرىجاڭ دوچىڭ، نەبىجان غەيرەت)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى