ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۈچ قوشتى  قۇتۇبىدا 400 مىڭ مو كېۋەزلىككە ئۇرۇق سېلىندى

日期:2024年04月15日
来源:天山网
【字体:


4-ئاينىڭ 11-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە، بىر كېۋەز تېرىش ماشىنىسى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ دەل ئورۇن بەلگىلىشى بىلەن، پۈتۈن مۇساپىدە ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇ يىل، قۇتۇبى ناھىيەسى 400 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىشنى پىلانلىدى، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلار دېھقانلارنى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ كېۋەز تېرىشقا پائال تەشكىللىدى. كېۋەز تېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى يەنە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، كېۋەز تېرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە مۇلازىمەت قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرتاۋ ۋېيمىڭ)


كېۋەز تېرىشماشىنىسى مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكىلەركەينىدە ئەگىشىپ تېرىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ماڭماقتا.


تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكىلەرئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنىڭ ئوقۇرىغا ئورۇقلۇق چىگىت قاچىلىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى