مەكتەپتىكى «مېھىر-شەپقەت ھاسىسى»

日期:2024年04月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ

ئەتىياز كېلىپ، ھەممە جاي ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدى. 3-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 12دە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتىم دەل دەرس ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتى بولۇپ، تولۇق 3-يىللىق 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى راۋان ئازامات ساۋاقداشلىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن ئوقۇتۇش بىناسىدىن چىقىۋاتاتتى، كۆپچىلىك كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ، مەيداندا ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، باھاردىكى ئىللىق قۇياش نۇرىغا قاقلىنىۋاتاتتى.

2023-يىلى 12-ئايدا، راۋان ۋاسكېتبول ئويناۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىپ، سول پۇتىنىڭ لېپەك سۆڭىكى سۇنۇپ، پېيى ئۈزۈلۈپ كەتكەن، دوختۇرخانىدا يېرىم ئاي داۋالانغاندىن كېيىن، يەنە 10 نەچچە كۈن ئۆيدە دەم ئالغانىدى.

پۇتى تېخى ساقايمىغان راۋان يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆگىنىشكە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنىلا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشنى قارار قىلدى.

«پۇتىڭىز تېخى ساقايمىدى، ماڭالمايدىغان تۇرسىڭىز، بىناغا چىقسىڭىز قانداق قىلىسىز؟» «دەرس ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىشتا ھاجەتخانىغا قانداق بارىسىز؟» راۋاننىڭ ئاپىسى گۈلزىرە نۇرجۇما بەك ئەندىشە قىلدى.

«ھېچقىسى يوق، بۇ قىيىنچىلىقلارنى مەن يېڭىپ كېتەلەيمەن، ساۋاقداشلارمۇ ماڭا ياردەم قىلىدۇ». پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشنىلا ئويلىغان راۋان ئاپىسىغا شۇنداق دېدى.

ئائىلىسىدىكىلەر راۋاننى مەكتەپ دەرۋازىسىغا ئېلىپ كەلگەندە، بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىدىن ۋاڭ شىنلېي، چياۋ جيەنچۇاڭ ۋە لى جىن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ھەرىكىتى قولايسىز راۋاننى كۆرۈپ، ئۈچەيلەن كېلىشىۋالغاندەكلا ئالدىغا بېرىپ: «يۈرۈڭ، سىزنى سىنىپقا يۈدۈپ ئاپىرايلى» دېيىشتى.

شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۈچ دوست راۋان بىلەن «سىزنى يۈدۈپ سىنىپقا ئاپىرىپ، ئەكىلىمىز، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يولىدا سىزنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايمىز»دەپ ۋەدىلەشتى.

مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش، دەرس ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىشتا تازىلىق ئۆيىگە بېرىش ... ئۈچەيلەن راۋان ساقايغىچە ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئۇنىڭغا «كىچىك ھاسا» بولۇشقا كېلىشتى.

ۋەزىپە ئالاھىدە بولغاچقا، ئۈچەيلەن تېخىمۇ ئىنچىكە ئويلاشتى، قار ياغقان كۈنلىرى يول ماڭغاندا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش، بىناغا چىقىپ-چۈشۈشتە قەدەمنى پۇختا بېسىش ... بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئۈچەيلەن ئەمەلىيەت داۋامىدا يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبە.

«ئەينى چاغدا بەدەن ئېغىرلىقىم 82 كىلوگىرام ئىدى، ئۇلار ئۈچىلىسى مەندىن ئورۇق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ دەرس ئۆتىدىغان سىنىپىمىز 4-قەۋەتتە بولۇپ، ھەر كۈنى مېنى يۈدۈپ بىناغا نەچچە قېتىم چىقىپ-چۈشەتتى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم». راۋان ساۋاقداشلىرىنى تىلغا ئالغاندا، چىرايىدىن خىجىللىق ۋە مىننەتدارلىق چىقىپ تۇراتتى. «كۆپچىلىككە كۆپ رەھمەت!».

بۇ ئۈچەيلەننىڭ ھەرىكىتى كۆپچىلىككە تەسىر كۆرسەتتى، بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلار، ھەتتا باشقا سىنىپتىكى ساۋاقداشلارمۇ ئاڭلىق ھالدا راۋانغا ياردەم بېرىش قوشۇنىغا قوشۇلدى. كۆپچىلىك ھەمىشە تالىشىپ تۇرۇپ راۋانغا ياردەم بەردى، بىناغا چىققاندا، چۈشكەندە چاقلىق ئورۇندۇقنى كۆتۈرۈشۈپ بەردى، دالا پائالىيىتىگە قاتناشقاندا ئۆزلىكىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بولدى ...

«راۋان، ھاجەتخانىغا بارامسىز؟»«راۋان، پەسكە چۈشۈپ مەيداننى ئايلىنىپ چىقامدۇق؟» دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەن ۋاڭ شىنلېي، چياۋ جيەنچۇاڭ ۋە لى جىن كېلىشىۋالغاندەكلا راۋاننىڭ يېنىغا كېلەتتى. مەكتەپتە بۇ ئۈچەيلەن راۋاننى نۆۋەتلىشىپ يۆلەپ، ئۇنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى «مۇقىم ئەندىزە»گە ئايلاندى.

ئۇلار تۇرمۇشتا راۋانغا ياردەم بەردى، ئۆگىنىشتە كۆپچىلىك بارلىق ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ھەمبەھرلەندى.

ئۆگىنىش نەتىجىسى يىللىقلار بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋاڭ شىنلېي دائىم راۋانغا كەم قالغان دەرسلەرنى تولۇقلاپ بېرەتتى. ۋاڭ شىنلېينىڭ ياردىمىدە راۋان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تولۇق 3-يىللىق «1-قېتىملىق تەقلىدىي» ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى. راۋاننىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى ياخشى بولۇپ، كۆپچىلىك ماتېماتىكىدا قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا، راۋان ساۋاقداشلارغا مەسىلىنى يېشىش ئۇسۇلىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قوياتتى، چياۋ جيەنچۇاڭ بىلەن لى جىن سىياسەت ۋە تارىخ جەھەتتە كۈچلۈك ئىدى، ئۇ ئىككىسى دائىم كۆپچىلىككە بۇ ئىككى پەننىڭ نەتىجىسىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ سىرىنى تونۇشتۇرۇپ تۇراتتى.

ھازىر راۋاننىڭ سول پۇتى ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، ئۈچەيلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرغاندا بىر شەھەردىكى ئالىي مەكتەپنى تاللاپ، ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ، بىر ئۆمۈر ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇشقا ۋەدىلەشتى.