قىش كۈنلىرى كەنتىمىز ئۆزگىچە گۈزەل

日期:2024年02月19日
来源:天山网
【字体:

قەھرىتان قىش مەزگىلىدە، ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقان رەسسام ئىسھاق ئېزىز، نەبىجان ئابدۇراخمان، لۇتپۇللا ئەخمەت رەڭدار، جۇلالىق، قويۇق سەھرا پۇرىقىغا ئىگە ئەسەرلىرى ئارقىلىق، قىش مەۋسۇملىرىنى نامايان قىلىپ، قىش گۈزەللىكىنى تەسۋىرلىدى.

چىللە كۈنى تۈگدۇق جۇۋاۋا،

قولۇم - قوشنىلار جەم بولۇپ.

سىرداشتۇق ھەم مۇڭداشتۇق،

ھەممە خۇشال ئولتۇرۇپ.

(ئاپتور: ئىسھاق ئېزىز)

كېلىپ سوغۇق قەھرىتان،

ھەممە كىردى ئۈچەككە.

ئاق لىباس كىيدى دالا،

ھارارەت تولدى ئۆي - ئۆيگە.

(ئاپتور: نەبىجان ئابدۇراخمان)

قاپاق ياردى ئۆتۈپلا، ھاۋا ئاستا ئىللىدى،

تەييارلىقى باھارنىڭ ھەممە ئۆيدە قاينىدى.

جۇۋاۋىلار تۈگۈلۈپ، پوجاڭزىلار ئېتىلدى،

ئۆي - ئۆيلەردە شاد - خۇرام بايرام كۈيى ياڭرىدى.