جىڭ: كۆكتات مايسىلىرىغا «باھار بالدۇر كەلدى»، ئىشچىلار پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولدى

日期:2024年02月08日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى دۇڭجۇاڭ كەنتىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ پارنىكىدا كۆكتات مايسىلىرى ياخشى ئۆسۈپ، ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركەندى، ئىشچىلار مايسا يېتىشتۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرتىپلىك ھالدا كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش ۋە پەرۋىش قىلىش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، يېڭى بىر يىلدا پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، بازارنى تەمىنلەشكە ئاساس سالدى.

( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزلەززەت)

خىزمەتچىلەر كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا. پارنىكقا سۇ بىلەن ئوغۇت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن سۇغىرىش سىستېمىسى ۋە تېمپېراتۇرا تەڭشەش سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، خىزمەتچىلەر كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، دەل ئوغۇتلاش، تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، كۆزىتىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

خىزمەتچى بىلەن كەنت كادىرى (ئوڭدا) كۆچەت تىكمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى