«باشلامچى ياۋا غاز» يول باشلىدى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىمفونىيەسى ياڭرىدى

日期:2019年05月02日
来源:新疆日报
【字体:

كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى گۈل يېتىشتۈرۈش ماھىرى ئابدۇقادىر ياسىن يۇرتداشلىرىغا گۈل يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە (4- ئاينىڭ 14- كۈنى تارتىلغان).(مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)


بىزنىڭ يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىز چوقۇم ئاممىنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەيدىغان مۇستەھكەم قورغان بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، مەيلى مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش، مەيلى تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش بولسۇن، ھەممىسىدە كۈچ، زاپاس كۈچ بولىدۇ.

                                          − شى جىنپىڭ

■ سەمىمىي تاپشۇرۇق

2014- يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ، كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى.

باش شۇجى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتنىڭ خەلققە مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن كېنىڭنى كۆرگەن ھامان، باش شۇجى ئۇنىڭدىن: «كەنتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپەڭلار نېمە؟» دەپ سورىدى. سۈن كېنىڭ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىمىز بۇ يەردە جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كەنتنىڭ ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تەشكىللىشىگە ياردەملىشىدۇ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىدۇ.

پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيىدە، ئون نەچچە كەنت ئاھالىسى ۋەكىلى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىغا پىكىر بېرىۋاتاتتى. «قانداق پىكىرلەر بېرىلدى؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ما لىن بىر - بىرلەپ دوكلات قىلدى... ھەربىر پىكىرنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى تەپسىلىي سوراپ، ساقلانغان قىيىنچىلىقلارنى كونكرېت ئىگىلەپ، شۇ يەردىكى كادىرلارغا ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىشنى تاپىلىدى.

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، مۇقىملىقىنىڭ ئۇلى، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامرات، قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا. كەنتتىكى خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت مەركىزىدە، باش شۇجى خىزمەتچى خادىملاردىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەڭ مۇھىم، چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك» دېدى.

«بىزدە كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى ئەتراپىدىكى كادىرلارغا مۇنداق تاپىلىدى: «سىلەرنىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 2- تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ بايا ئورۇنلانغان مۇزىكا: ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»

ۋاقىت بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كەتتى. بەش يىل ۋاقىت كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىنى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى. 2016- يىلى، بۇ كەنت پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 246 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى تاشلىمىدى، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، سىياسەتنى تاشلىمىدى، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، يۆلەشنى تاشلىمىدى، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىمىدى، ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ بۇ مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى شېن دېيىڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى باشتىن - ئاخىر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «باشلامچى ياۋا غازلىق رولى»نى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە غەلىبە قىلىشقا يېتەكلىدى.

■«پولاتتەك مۇستەھكەم گازارما»دا پولاتتەك جەڭچىلەر بولۇشى كېرەك

[تىيانشاننىڭ يېڭى قىياپىتى]«مەن بۇ ئائىلىگە ئۈچ قېتىم بارغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنىمۇ بىرقانچە قېتىم سۆزلىدىم، بىراق موماي قىزىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە يەنىلا ئۇنىمايۋاتىدۇ...» 4- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6دە، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئائىلە زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن بۇخەلچەم توختىنىڭ چىرايى غەمكىن ئىدى. بۇخەلچەم بۇ يىل 2- ئايدا تاللاپ تەكلىپ قىلىنغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى بولۇپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، نۆۋەتتە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى.

«كۆڭۈلدىكى تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەھۋالنى ئېنىق بىلىش كېرەك.» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى خوۋ يىڭمىننىڭ كەنتتە تۇرۇۋاتقىنىغا بۇ يىل تۆت يىل بولدى، ئۇ بۇخەلچەمگە موماينىڭ كېلىنى ۋە قىزى بىلەن بىللە تۇرىدىغانلىقىنى، كېلىنى بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا قىزىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. «ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا ئۆزىڭىز كىرسىڭىزلا ھېساب ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىشىڭىز كېرەك، موماي بىلەن كۆپرەك مۇڭداشسىڭىز، ئاستا - ئاستا ئۇ كۆڭلىدە نېمە گېپى بولسا سىزگە دەيدىغان بولىدۇ» دېدى خوۋ يىڭمىن سەمىمىيلىك بىلەن.

ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، بۇ يىل 2- ئايدا، توققۇزاق بازارلىق پارتكوم ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ «ئىككى كومىتېت»ىنى تولۇقلاش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىگە ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلىدى، 11 كەنت كادىرىنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرىدىن تۆتى بار.

«پولاتتەك مۇستەھكەم گازارما، ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئەسكەرلەر» شېڭ دېيىڭ مۇنداق دېدى: كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنى «پولاتتەك مۇستەھكەم گازارما»غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم پولاتتەك جەڭچىلەرنى تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك. «خىزمەت ئەترىتى <1+N> ياردەم بېرىش - يېتەكلەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ھەربىر كەنت كادىرىغا <تېمىتىپ سۇغىرىش شەكلىدە> ئۆگەتتى، ياردەم بەردى، يېتەكلىدى» دېدى شېڭ دېيىڭ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇشى ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىرىك پىلانى تۈزدى ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش قاتارلىق «ئون چوڭ قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇپ، ئائىلىگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇردى.

[مۇخبىرنىڭ تەسىراتى]ئۇيغۇرلاردا «ئوسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ، سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ.» دېگەن ماقال - تەمسىل بار. كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسنى پۇختىلاش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىگە ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، ئۇلارغا چارە - تەدبىر ئۆگىتىپ، ۋەزىپە يۈكلىگەندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سەپىرىدە بۇ «باشلامچى ياۋا غاز»لار تېزلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، ياخشى چېنىقىدۇ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ.

■بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق

[تىيانشاننىڭ يېڭى قىياپىتى]4- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەتىيازنىڭ ئاپتىپى ياسىن مامۇت بوۋاينىڭ كىچىك ھويلىسىغا چۈشۈپ تۇراتتى. بۇ يەر ئىلگىرىكى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ: كونا قوي قوتىنى بىلەن ئامبار چېقىۋېتىلگەن، پاكار ياغاچ قاشالارمۇ يوق. يەر ھېلىلا سۇغىرىلغان بولۇپ، يېڭىدىن كۆچۈرۈلگەن شاپتۇل كۆچەتلىرى يېڭى بىخ چىقارغانىدى.

«ياسىن تاغا، يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟ بىز سىزنى يوقلاپ كەلدۇق.» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تيەن يىشيۇ پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى باشلاپ ياسىننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ياسىننىڭ خوتۇنى يەنە دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاچقا، بوۋاي ئۆزى يالغۇز يېتىشىپ بولالمىغانىدى. دېھقانچىلىق سايمانلىرى، ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ئۆي سېلىپ ئېشىپ قالغان ياغاچ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ھويلىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان بولۇپ، رەتلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەنىدى.

كېلىپلا ئىشنى باشلاپ كېتىشتى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى ئەر يولداشلار ئائىلە جابدۇقلىرىنى يۆتكىدى، ياغاچلارنى كۆتۈردى، ئەخلەتلەرنى تازىلىدى، ئايال يولداشلار ھويلا - ئارانلارنى سۈپۈردى، كەپتەرلەرگە دان بەردى، گۈللەرنى سۇغاردى، بىردەمدىلا، كىچىك ھويلا يېڭى تۈسكە كىردى.

«شاپتۇل كۆچىتىنى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن كەنت كادىرلىرى ياردەملىشىپ تىكىپ بەرگەن.» ئارقا ھويلىدىكى ئېتىز قىرىدا تۇرغان ياسىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كەنت كادىرلىرىدىن ئاڭلىشىمچە، بۇ خىل ناۋات تەملىك توقاچ شاپتۇلنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك ئىكەن!»

كەنتنىڭ ئۇ بېشىدا 65 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئابدۇقادىر ياسىن ھېلىلا بازاردىن گۈل سېتىپ قايتىپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ گۈل پارنىكىدا، بەش - ئالتە كەنت ئاھالىسى ئۇنىڭ كېلىپ «دەرس ئۆتۈش»ىنى ساقلاۋاتاتتى. «بۇ مايسىنى يەنە 20 كۈندىن كېيىن كۆچۈرۈشكە بولىدۇ، كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن بەك كۆپ سۇغارماسلىق كېرەك، بولمىسا يىلتىزى ئاسانلا سېسىپ كېتىدۇ...» ئابدۇقادىر بىر تەشتەك يەسىمەنگۈلىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ناھايىتى ئەستايىدىل سۆزلىدى.

مىرانگۈل، كاككۇك گۈلى... ئابدۇقادىرنىڭ گۈل پارنىكى يېشىللىققا تولغان بولۇپ، گۈللەرنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ ئىككى موغا يەتمەيدىغان ئىككى گۈل پارنىكىدىن ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىكەن.

بۇ يىل ئاياغمەنگەن كەنتى گۈل - گىياھ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئابدۇقادىر ئىنتايىن ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «بىر ئادەم بېيىسا بېيىغان بولمايدۇ، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تېخنىكا ئۆگىتىشنى، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىشنى خالايمەن».

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلدى؛ ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى كېسەك ئۆي، سوقما تام، كېسەك قوتانلارنى چېقىشقا باشلامچىلىق بىلەن ئاۋاز قوشتى؛ كەنت ئاھالىلىرىنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى...

بۈگۈنكى كۈندە ئاياغمەنگەن كەنتىدە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك، بىزنىڭ يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىز چوقۇم ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى كۈچلۈك قورغانغا ئايلىنىشى كېرەك.

[مۇخبىرنىڭ تەسىراتى]پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، شۇنداقلا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئۆلچەم بايرىقى. «ئادەتتىكى چاغدا پەرقلەندۈرەلەيدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ھايات - ماماتلىق پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتەلەيدىغان»، مۇشۇنداق بىر پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى بولغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

■ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش

[تىيانشاننىڭ يېڭى قىياپىتى]ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسىدا بىر ئالاھىدە سېخ بار بولۇپ، ئايال ئىشچىلار كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ يىپ ئۆتكۈزۈش، يىپ ماڭدۇرۇش، تىكىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى بىراقلا پۈتكۈزەتتى، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تاراقلىغان ئاۋازى شوخ مۇزىكىدەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

سېخ مەسئۇلى گۈزەلنۇر قۇربان ئېڭىشىپ تۇرۇپ، خادىملارغا تېخنىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ بىر تەرەپتىن قول ئىشارىتى قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن قەغەزگە سىزىپ «چۈشەندۈرەتتى».

گۈزەلنۇر گاس - گاچا بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئىدى. بۇ يىل 1- ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن گۇاڭدۇڭدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كارخانىنىڭ قوللىشىدا، «مۇھەببەت ساداسى» كىيىم - كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى كىچىك سېختىن باشقا، يەنە كەنتتە يېڭىدىن بىر چوڭ زاۋۇت ئۆيى قۇرۇلدى. كەلگۈسىدە، بۇ يەر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 23 كىيىم - كېچەك زاۋۇتى ئۈچۈن «ئاخىرقى زاكاز»ىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ، 200 مېيىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

بۇ كەنت ناھىيە بازىرى ۋە سودا باغچە رايونىغا يېقىن بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا تەشكىللىدى ھەم كەنتتە 64 دۇكان ئېچىپ، ھەربىر نامرات ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ «كۆك - تاق قۇرۇلۇشى»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 200دىن ئارتۇق كۆكتات پارنىكى ياساپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 1000 يۈەن ئاشۇردى... ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «يول خەرىتىسى»دە ئەڭ ئېنىق يۆنىلىش بار بولدى − ئۇ بولسىمۇ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش.

نامراتلارنى يۆلەشنى چۆرىدەپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈشتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىگە قاراش كېرەك. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك يېڭى پىلانى بار بولدى: «قەيەردە پارتىيە ئەزالىرى بولسا، شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتى بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانا، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلاردا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش.

[مۇخبىرنىڭ تەسىراتى]ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، تەشكىلات ئەۋزەللىكىنى نامراتلارنى يۆلەش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەرايى، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كۈچلۈك قورغانغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.