بەختلىك تۇرمۇش ھەسەلدىنمۇ شېرىن

日期:2024年01月03日
来源:天山网
【字体:

[سۈرەتلىك ھېكايە]

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئاقتاش بازىرى شىڭمىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرۇپ غوجامەتبىلەن خوتۇنى ئۆيىدە چاي ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا.

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، خىزمەتچىلەر ئاقتاش بازىرىغا جايلاشقان بىر كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا پەلەي تىكمەكتە.

قاغىلىق ناھىيەسى ئاقتاش بازىرى يېزا-كەنتلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتى (2023-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى ۋە خەۋىرى

«ئوغلۇم ئۆي-ئوچاقلىق بولدى، قىزىم داشۆدە ئوقۇۋاتىدۇ، بەختلىك تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى شېرىن ئۆتمەكتە» دېدى 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 30- كۈنى تۇرۇپ غوجامەت.

48 ياشلىق تۇرۇپ قاغىلىق ناھىيەسى ئاقتاش بازىرى شىڭمىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسىبولۇپ، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى تاغدىن شىڭمىن كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانىدى. 2018-يىلىدىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوپان يېزىسى، كۆكيار يېزىسى، ئۇششاقباش بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق 14 مىڭ ئامما تاغ بىلەن خوشلىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

«بۇ يەردە ياشانغانلار ساناتورىيەسى، يەسلى، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلار بار، ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، تۈرلۈك كەسىپلەر رايونىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا» دېدى ئاقتاش بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى سى باڭپىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار «كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى بويىچە بازا قۇرۇش» قاتارلىق ئەندىزىلەر ۋە ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەت-باشقۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.