قىشتىكى ئارىسال مەزگىلنى بىكار ئۆتكۈزمەي، ھاياتىي كۈچكە تولغان «قىشتىكى ئالدىراشلىق مەنزىرىسى»نى نامايان قىلىش

日期:2023年12月21日
来源:天山网
【字体:

قىش كۈنلىرىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ئۆيىگە بېكىنىۋالماي، توردا ۋە تور سىرتىدا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئېتىزلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلدى... بىر پارچە ھاياتىي كۈچكە تولغان «قىشتىكى ئالدىراشلىق مەنزىرىسى» نامايان بولدى. 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، دېھقان-چارۋىچىلار ياغ نان پىشۇرۇش ھۈنىرىنى ئۆگەنمەكتە. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى تەربىيەلەش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى جۇڭگوچە پېچىنە-پىرەنىك، ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتلىرىدىكى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىپېڭ)

12-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرىنىڭ دالى ناھىيەسىدىن كەلگەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىسى 22-تۇەنىدىكى پارنىكتا دېھقانلارغا چىلان پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن توردا ۋە تور سىرتىدا تەربىيەلەش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مېۋىلىك دەرەخ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇردى.(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شيې جياڭلىن)

12-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ دۆڭقۇتان بازىرى فەنرۇڭ كەنتىدىكى دېھقانلار پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش كۇرسىغا قاتناشماقتا. قىش كىرگەندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى «ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزۈپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى ئاممىنىڭ «ئىشىك ئالدى»غىچە يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.​(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ لې)