كۇچا ناھىيەسى: «كىچىك شېرىن كەسىپ» بېيىشتىكى «چوڭ ئىگىلىك»كە ئايلاندى

日期:2019年04月30日
来源:天山网
【字体:

«بىز ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇق، ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلىپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز، بىز بۇ يەردە ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەپ، ئارزۇگۈل سوپۇر ھەدىنىڭ <شېرىن كەسىپ>ىنى تېخىمۇ ياخشى ماڭدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز.» دېدى كۇچا ناھىيەسى ساقساق كوچا باشقارمىسى سايبويى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى گۈلنىسا ئابلەت.

ئارزۇگۈل 2016-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىپ پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەن، 2017-يىلى 5-ئايدا مەھەللىدە «ئارزۇگۈل تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنى» ئاچقان، دەسلەپتە ئۇنىڭ سودىسى يامان ئەمەس ئىدى، كېيىن بۇنداق دۇكانلار كۆپىيىپ، يەنە كېلىپ دۇكان كىچىك، پېچىنە-پىرەنىك تۈرى ئاز، ئەسلىھەلەر كەمچىل بولۇش، كۆلەملىشەلمەسلىك، رىقابەت كۈچى ئاجىز بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبلىك، ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى سۇسلاپ كەتتى، لېكىن ئارزۇگۈل تەن بەرمەي، كۆلەمنى كېڭەيتىشنى ئويلىدى، ئەمما زاۋۇت ئۆيى، مەبلەغ، ئەسلىھە قاتارلىقلار ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان مۈشكۈل مەسىلە بولۇپ قالدى.

كۇچا ناھىيەلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، مەھەللە ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىن كۆلىمى 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر دۇكاننى ھەل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز تەمىنلەپ بەردى، تەييارلىقتىن كېيىن، «ئارزۇ تاتلىق-تۈرۈم زاۋۇتى»غا ۋىۋىسكا ئېسىلدى. بۇلتۇر 5-ئايدا يېڭى زاۋۇت تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئىشلەۋاتقان ئاياللار 12 گە يەتكەن، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 1500 يۈەندىن ئېشىپ، ئايلىق ساپ كىرىم 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

ئارزىگۈل ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ياخشى كۆرگەن «شېرىن كىچىك كەسپى»نىڭ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بىلەن تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەيدىغان «چوڭ ئىگىلىك»كە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇ كۆرگەنلا ئادەمگە: «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، باي بولغاندا كومپارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش كېرەك، مەن تاتلىق-تۈرۈم زاۋۇتىنى داۋاملىق زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئايالنىڭ زاۋۇتقا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىم يارىتىشىغا ياردەم قىلىمەن» دېدى.

«بىر ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، بىر رايوندىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. بىز <ماركا> يېتىلدۈرۈش-يارىتىش، ئوراش-ئۆز پېتى ساقلاش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئارزۇگۈلگە ئوخشاش يەككە ئىگىلىك تىكلىگەن تىجارەتچىلەر، كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئۇلارنىڭ <ماگنىت مەيدانى> ئېففېكتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىغا ياردەم قىلىمىز» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مەرھابا راخمان.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ