كەنتتىكى تاملار دوسكا بولدى، گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى رەسىم سىزىپ، مەدەنىيەت تېمى بەرپا قىلدى

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ ناھىيەنىڭ بېيداچۈ يېزىسى تەيپىڭچۈ كەنتىدىكى تاملارغا رەسىم سىزىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى قاتارلىقلارنى باش تېما قىلغان مەدەنىيەت تېمى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ «گۈزەللىك قىممىتى»نى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ئوقۇتقۇچىلار مەدەنىيەت تېمىنىڭ لايىھەسى، مەزمۇنى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشمەكتە.

مەدەنىيەت تېمىدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى قايتا نامايان بولدى.

ئاددىي ھەم كۆزگە چېلىقارلىق خەتلەر، جانلىق رەڭلىك رەسىملەر يېزا - كەنتلەرگە تېخىمۇ ھۆسن قوشتى. بۇ گۇرۇپپا سۈرەتنى ما خۇيشىڭ تارتقان