ئۈچ يىل ئىلگىرى، «95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» چەت ئەلدە ئوقۇغان بۇ ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا قايتىپ قوي بېقىشنى قارار قىلدى

日期:2023年12月07日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا

«يېشىل سەددىچىن سېپىلىدىن بىڭتۇەنگە نەزەر. تەكلىماكاننى ئايلىنىش سەپىرى» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىدىكىلەر

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى

3-شى تۇمشۇق شەھىرى 50-تۇەندىكى شياخې بازىرىغا كەلدى

بۇ يەردە

«95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» چەت ئەلدە ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچى بار ئىدى

ئۈچ يىل ئىلگىرى

ئۇ يۇرتقا قايتىپ قوي بېقىشتىن ئىبارەت

ھەممەيلەن چۈشەنمەيدىغان قارارنى چىقاردى

ئۇ دەل تۇەن-مەيدان ئىشچى-خىزمەتچىسىنىڭ پەرزەنتى ليۇ شەنشەن

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، تۇمشۇق شەھىرىدىكى 10 مىڭ تۇياق قوي باقمىچىلىقدېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ليۇ شەنشەن(سولدا) ئاكىسى بىلەن بىللە قوزىغا سۈت بەرمەكتە. بىڭتۇەن گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ مېيلىڭ فوتوسى

ليۇ شەنشەن بۇ يىل 26 ياشقا كىردى

2020-يىلى

ئەنگلىيە بىرمىڭخام داشۆسىنىڭ خەلقئارا بوغالتىرلىق-پۇل مۇئامىلە كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن

ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىدى

تۇمشۇق شەھىرىدە 10 مىڭ تۇياق قوي باقمىچىلىقدېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇردى

ھەمدە ليەندۇينىڭ كۆلىمى 300 مودىن ئاشىدىغان بوش باقمىچىلىق رايونىنىڭ

دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ياسىدى

شۇنداق قىلىپ باقمىچىلىق ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش يولىنى ئاچتى

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، تۇمشۇق شەھىرىدىكى 10 مىڭ تۇياق قوي باقمىچىلىقدېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ليۇ شەنشەن(سولدا) ئاكىسى بىلەن قويلارنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بىڭتۇەن گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ مېيلىڭ فوتوسى

«شياخې قويىنىڭ سۈپىتى ياخشى،

مەن ئۇنى كېڭەيتىپ،

تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بىڭتۇەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك قوي گۆشىگە ئېغىز تېگىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقچىمەن».

باشقىلارنىڭ گۇمانىي سوئالىغا

ليۇ شەنشەن مۇشۇنداق جاۋاب بەردى

شياخې بازىرى كوئىنلۇن تاغ تىزمىسى بىلەن تىيانشان تاغ تىزمىسى

تۇتاشقان جايدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە،

يەكەن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان شياخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان

بۇ يەرنىڭ سۇ، تۇپرىقى مول

ئۆزگىچە تۇپرىقى ۋە مۇھىتى

تەمى باشقىچە شياخې قويىنى يېتىلدۈرگەن

شياخې قويى شياخې بازىرىدىكى «تۆت گۆھەر»نىڭ بىرى

ئۇلار شورلۇق يەردە ئۆسكەن ئوت-چۆپلەرنى يەيدۇ، شورلۇق سۇ ئىچىدۇ،

گۆشىنىڭ سۈپىتى ياخشى، نەسىلنىڭ سورتى ئېسىل

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، تۇمشۇق شەھىرى 10 مىڭ تۇياق قوي باقمىچىلىقدېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ليۇ شەنشەن ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى كېۋەزلىكتە قوي باقماقتا. بىڭتۇەن گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى بوچېڭ، ياڭ چيەن فوتوسى

چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىدىن «پادىچى»

ليۇ شەنشەنگىچە بولغان شياخې قويى باقمىچىلىقيولى

ئوڭۇشلۇق بولمىدى

ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە

ليۇ شەنشەن 14 نەپەر كوپىراتىپ ئەزاسىنى قويلىرى بىلەن قوبۇل قىلدى

ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قوي باقمىچىلىق كۆلىمى تېز سۈرئەتتە 3000 تۇياققا كېڭەيدى

كۆلەم ناھايىتى تېز كېڭەيگەچكە

بىر يىلدىن كۆپرەك ئالدىراش بولدى

ھەمكارلىق كوپىراتىپى 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتتى

2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا

ليۇ شەنشەن بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ

تىجارەت كۆلىمىنى تەڭشەپ

زېھنىنى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشكە قاراتتى

سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق

ليۇ شەنشەن شياخې قويىنىڭ تۆللەش نىسبىتىنى

ئىلگىرىكى %100تىن %210كە يەتكۈزدى

ھەمدە بىر يۈرۈش ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدەندى

ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ

يەنە تۇەن-مەيداندىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى باقمىچىلىق تېخنىكىسى يېتەكچىلىكى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى

«بۇ يىل چوقۇم پايدا ئالالايمىز!»

دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەر

ۋە سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن بازار ئەھۋالىنىڭ تۈرتكىسىدە

ليۇ شەنشەننىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى

«بىز شياخې قويىنىڭ ماركىسىنى يارىتىپ

تېخىمۇ كۆپ ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنى شياخې قويىنى بېقىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

(ماتېرىيال مەنبەسى: بىڭتۇەن گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات تورى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى