ئېتىزلار يېشىللىققا پۈركەندى ئېڭىزغا تېرىلغان كۆكتاتلار بازارغا كىردى

日期:2023年11月10日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ بەسەي يىغماقتا. ھازىر ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى يوۋفاڭجاڭزا كەنتىدە تېرىلغان 130 مو ئېڭىزغا تېرىلغان بەسەي يىغىۋېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، بۇ كەنت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ ئېتىزلارغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ بەسەي يىغىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغاكۈچ قوشتى.(ئىختىيارىي مۇخبىرچىنار ئېلىس)

11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساۋەن شەھىرى ئۇلان ئۇسبازىرى خۇاڭگۇڭ يېڭى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئېڭىز بەسىيىنى يىغماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلان ئۇسبازىرى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + تېرىقچىلىقئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئېڭىزغا كۆكتات تېرىش كۆلىمىنى زورايتتى. بۇ يىل بۇ بازاردا ئېڭىزغا تېرىلغان كۆكتات كۆلىمى 3000 مودىن ئاشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرگۇەن بىڭ)

11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساۋەن شەھىرى ئۇلان ئۇس بازىرى خۇاڭگۇڭ يېڭى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئەمدىلا يىغىۋالغان ئېڭىز بەسىيىنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى