چەرچەن ناھىيەسى: سامساقچىلىق كەسپىدىن بېيىشقا بولغان يېڭى ئۈمىد تۇغۇلدى

日期:2019年04月28日
来源:天山网
【字体:

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىقوراملىق يېزىسى باشكېچىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باشكېچىك كەنتىنىڭ تەبىئىي كىلىمات شارائىتىغا ئاساسەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سامساقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى.

يېقىندا، خېبېي ئۆلكىسى ئىئانە قىلغان ئىككى دانە سامساق ئاقلاپ ئايرىش ماشىنىسىچەرچەن ناھىيەسى قوراملىق يېزىسى باشكېچىك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سامساق ئاقلاپ ئايرىش باش ئاغرىقىنى ھەل قىلدى.

خالتا-خالتا سامساقلارنىڭ ماشىنىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاقلىنىپ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىكتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بويىچە ئايرىلغانلىقىنى، خالتىلارغا قاچىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كەنت ئاھاللىرى بەس-بەستە قوللىرىغا يان تېلېفونىنى ئېلىپ دوۋيىن قىسقا فىلىمى تارتىشتى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرى توپىغا ئەۋەتىپ، بىردەمدىلا كەنتتىكى نۇرغۇن ئاھالىلەرنى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى .

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ