يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ يېزا ئائىلىلىرىنى «گۈزەل ھويلا-ئاران» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى كىشىلەر خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇردى. تىكئېرىق بازىرى شاربۇچۈن كەنتى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ «گۈزەل ھويلا-ئاران» قۇرۇلۇشىدىكىئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى. يېقىندا، بۇ كەنتتىكى بىر دېھقاننىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، ھويلىنىڭ پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى، گۈللەرنىڭ بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى، پۈتكۈل ھويلىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلارمەلىكەم، كۇڭ چىڭپىڭ)
بۇ كەنتتىكى بىر كەنت ئاھالىسىنىڭھويلىسى. «گۈزەل ھويلا-ئاران» بەرپا قىلىش گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، بۈگۈنكى كۈندە، شاربۇچۈن كەنتىنىڭ كەنت قىياپىتى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
كەنت ئاھالىلىرى «گۈزەل ھويلا-ئاران» ئۈلگە كۆرسىتىش تاختىسىنى كۆرسەتمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى