ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسى (يېڭى دەۋر يۆگىمە رەسىمى)

日期:2023年10月18日
来源:天山网
【字体:

گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ بىجيې شەھىرى جىنشا ناھىيەسىدە، بەنچياۋ مەھەللىسىدىكى دېھقانلار شالدىن مول ھوسۇل ئالدى.لو دافۇفوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

خېيلۇڭجياڭ بېيداخۇاڭ نۇڭكېن گۇرۇھىنىڭ جياڭچۇەن دېھقانچىلىق مەيدانىدا، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلار شاللىقتا مەشغۇلات قىلماقتا.گو خۇيفوتوسى (خەلق كۆرۈش سەزگۈسى)

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەھىرى چۈجوۋ ناھىيەسىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش كەسىپلەر باغچىسىدا، ئوقۇغۇچى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن-تېخنىكا يۇرتىدا تۇپراقسىز يېتىشتۈرۈلگەن كۆكتاتلارنى كۆرمەكتە.شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇخبىرىيۆ ۋېنتىڭفوتوسى

گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې شەھىرى لىنزې ناھىيەسى نىجيايىڭ بازىرى شيايىڭ كەنتىدە، دېھقانلار ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناقلارنى ئۆرۈمەكتە.ۋاڭ جياڭفوتوسى(سۈرەتتىكى جۇڭگو)

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى ئەنسەي رايونى ئالما كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، گاۋچياۋ بازىرى نەنگوۋ كەنتىدىكى باغۋەنلەر باغدا ئۈزۈۋېلىنغان ئالمىلارنى توشۇماقتا.شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇخبىرىجاڭ بوۋېنفوتوسى

سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىن شەھىرى گاۋشيەن ناھىيەسى چىڭفۇ بازىرى ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى، شياۋجىڭ مەھەللىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى رەڭدار تام سىزمىسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە.جۇاڭ گېئېرفوتوسى (خەلق كۆرۈش سەزگۈسى)

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنياڭ شەھىرى گۇاڭشەن ناھىيەسى ۋېنجۇ يېزىسى فاڭۋا كەنتىدە، شۇ جايدىكى پوچتا ئامانەت بانكىسىنىڭ خادىملىرىقەرز پۇلىنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ يوۋچادىن مول ھوسۇل ئېلىشىنى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى. «خەلق گېزىتى» مۇخبىرىبى جىڭجىنفوتوسى

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لياۋچېڭ شەھىرى دۇڭچاڭفۇ رايونى تاڭيى بازىرى جياۋچاڭلى كەنتىدە، دېھقانلار ئۈزۈۋالغان قاپاقلارنى ئېسىپ قۇرۇتماقتا.جاڭ جېنشياڭفوتوسى (خەلق كۆرۈش سەزگۈسى)

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھىرى چاڭشىڭ ناھىيەسى مېيشەن بازىرى مېيشەن كەنتى يېزا ئىگىلىك ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاشلاندۇق كان رايونىنى ئېتىزغا قايتۇردى.شۈ بياۋفوتوسى (خەلق كۆرۈش سەزگۈسى)

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ شەھىرى يىلىڭ رايونى فېنشياڭ بازىرى نەنيا كەنتىدىكى ئاشلىق، ياغ ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، ئالتۇن كۈزدىكى گۈزەل مول ھوسۇل مەنزىرىسى كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ.جاڭ گورۇڭفوتوسى (خەلق كۆرۈش سەزگۈسى)

تەكشى كەتكەن مۇنبەت ئېتىزلىقلار، خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلىدىغان شاللار، سېمىز بېلىقلار، خۇش پۇرىقى ئەتراپقا تارالغان مېۋە-چىۋىلەر، ئېتىز بېشىدىكى ئالدىراشلىق مەنزىرىسى؛ تاغلىق يېزا-كەنتلەر، ياپيېشىل دەرەخلەرگە تولغان سەھرالار، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلار، يۇرتداشلارنىڭ چىھرىدە جىلۋىلەنگەن خۇش تەبەسسۇمئەڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. 6-قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جانلىق كۆرۈنۈشلەر يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمى شەكىللەندى.

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستىراتېگىيە بولۇپ، ئۇنىڭغا يۈز مىليونلىغان دېھقاننىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

بۇ يىل پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ تۇنجى يىلى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2023-يىللىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى»دە يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالى تارقىتىلدى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا-كەنت تەرەققىياتى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى، يېزا-كەنت ئىدارە قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك.

(«خەلق گېزىتى» مۇخبىرىچاڭ چىن)

(«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى)