شىخۇ: پاختا يىغىش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە چېپىپ «ماھارەت كۆرسەتتى»

日期:2023年10月17日
来源:天山网
【字体:

نۆۋەتتە، شىخۇ شەھىرىدىكى 1 مىليون 750 مىڭ مو يەردىكى كېۋەزلىك ئارقا-ئارقىدىن پاختا يىغىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى، پاختىنىڭ ساپ يىغىۋېلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، پاختىلارنىڭ ئامبارغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىخۇ شەھىرى توتەي يېزىسىدا پاختا يىغىش ماشىنىلىرىنىڭ ساپ پاختا يىغىش نىسبىتى بويىچە «ماھارەت كۆرسىتىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا ماشىنا ئاۋازى گۈرۈلدەيتتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى تۆت پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ماس قەدەمدە پاختا يىغىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان پاختا يىغىش ماشىنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پاختىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە يىغىشقا ئاساس سالدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ماۋ شياۋ)

خىزمەتچى خادىملار پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تەڭشىمەكتە.

پاختا يىغىش ماشىنىسى ئۇياق ـ بۇياققا ئۆتۈپ، كېۋەزنى غولىدىن تېز سۈرئەتتە ئايرىدى، بىر ئازدىن كېيىن غايەت زور «پاختا تۇخۇمى» پۈركۈپ چىقىرىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى