يەكەن ناھىيەسىدە بېھى پىشتى بۇنداق قەدىمىي مېۋىنى يەپ باقتىڭىزمۇ؟

日期:2023年10月11日
来源:天山网
【字体:

ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىيەكەن ناھىيەسىدىكى 4800 موبېھى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەكەن ناھىيەسى ئىشقۇل يېزىسى ئوغلان كەنتىدىكى 200 مولۇق بېھى كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، باغۋەنلەر ئۈزۈش، ئايرىش، يەشىكلەرگە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولدى.

بېھى شۇ جاينىڭ خاس مەھسۇلاتى بولۇپ، يەنە «شىنجاڭ مۇگۇاسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ قەدىمىي مېۋىلىك دەرەخ تۈرى بولۇپ، ھەر يىلى 4-ئايدىن 5-ئايغىچە چېچەكلەيدۇ، 10-ئايدا مېۋىسى پىشىدۇ، مېۋىسىدە تەبىئىي فىرۇكتوزا ۋە گىلۇكوزا مول، تەمى تاتلىق، يېيىشلىك بولۇپ، تاماق سىڭدۈرۈپ يەلنى ھەيدەش، ھۆللۈكنى ھەيدەپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى «بىر يېزىدا بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»تىن ئىبارەت كەسىپنى گۈللەندۈرۈش پىكىر يولى بويىچە، «دېھقان ئائىلىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، بېھى ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. 180 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ئىشقۇل يېزىسىنىڭ ئوغلان كەنتىدە بېھى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلدى. بۇ يىل يەكەن ناھىيەسىنىڭ بېھى ھوسۇلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

مۇخبىرلار: شۆ خۇي، ياڭ ۋېي

يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن مەمەتئېلى مەمەتئېمىن، ئەكبەر ئەلى

ئىشلىگۈچى: شۆ خۇي

نازارەتچى: ماۋ مىڭدۇڭ