دېھقانلار مول ھوسۇل ئالدى | شىنجاڭ ئاقسۇ: مىليون مولۇق كېۋەزلىكتىكى پاختا ماشىنا بىلەن يىغىلماقتا

日期:2023年10月10日
来源:天山网
【字体:

ئاپتورلىرى: جوۋ جىيۈەن، جى ئەيشېڭ، يۈ خۈەنخۈەن

10-ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن دېھقانچىلىق مەيدانى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تيەنخەي كەنتىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك كېۋەزلىكتە غوزىلار ئېچىلىپ، پاختا يىغىش ماشىنىلىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپمەشغۇلات قىلىپ، ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. ھازىر، ئاقسۇ شەھىرىدىكى 1 مىليون 35 مىڭ مو كېۋەزلىكتىكى پاختىنى ماشىنىدا يىغىش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇ شەھەر 200دىن ئارتۇق ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئېتىز ـ ئېرىق مەشغۇلاتىغا تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ماشىنىدا يىغىش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇردى، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى يىغىپ بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى