شىنجاڭ: ئالتۇن كۈزدىكى ھوسۇل يىغىش ئالدىراشلىقى

日期:2023年10月08日
来源:天山网
【字体:

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھوسۇل يىغىشئالدىراشلىقىغا تولدى.

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان جىڭ ناھىيە بەيشياڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېۋەزلىكىدە، يىغىۋېلىنغان پاختىلار ئېتىزغا دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانى پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 63 مىڭ موغا يەتتى، بۇ يىل پۈتۈنلەي ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىۋېلىش قوللىنىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە 11-ئاينىڭ ئاخىرى يىغىۋېلىش ئاخىرلىشىدىكەن. ليۇ چۈەنفوتوسى

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان جىڭ ناھىيە بەيشياڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېۋەزلىكىدە، ئاپتوماتىك تايلاپ پاختا يىغىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلماقتا. ليۇ چۈەنفوتوسى

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىيلار ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ بازىرى بەخت كەنتىدە دېھقانلارنىڭ لازا ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە، ئاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بەخت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار پارتىيە ئەزالىرىدىن پىدائىيلار كۈزلۈك يىغىم مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى يىغىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. باۋ لياڭتىڭفوتوسى

ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ بازىرى بەخت كەنتىدىكى لازا ئېتىزلىقىدا، دېھقان مول ھوسۇل شادلىقىنى نامايان قىلماقتا(10-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان). باۋ لياڭتىڭفوتوسى​

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، قورغاس شەھىرى مۇخۇر تەۋەلىك رايونىدا باغۋەنلەر خۇڭتى ئۈزۈمى ئۈزمەكتە. يېقىندا، مۇخۇر تەۋەلىك رايونىدىكى 10 مىڭ مو خۇڭتى ئۈزۈمى كەينى-كەينىدىن پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، شۇ جايدىكى باغۋەنلەر ئۈزۈۋېلىپ بازارغا سېلىشنى تېزلەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇخۇر تەۋەلىك رايونى ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. ۋاڭ پېڭفېيفوتوسى

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى تيېمېنگۇەن شەھىرى 24-تۇەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى لازا قۇرۇتماقتا. ئالتۇن كۈزدە، بۇ تۇەندىكى 199 مىڭ مو يەردىكى لازىلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، قىپقىزىل لازىلار قۇرۇتۇش مەيدانىغا يېيىتىلىپ، قىپقىزىل مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. خەن جۈنفوتوسى

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، قاراماي شەھىرى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات رايونىدا، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ھوسۇل ئالغان لازىلىرىنى قۇرۇتماقتا. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، بۇ تەرەققىيات رايونىدا تېرىلغان لازىلار يىغىۋېلىش پەسلىگە كىردى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ھاۋا ئوچۇق كۈننى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ ئاپتاپقا سالدى، ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. مىن يۇڭفوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى