كېۋەز پەرۋىش قىلىش، لازا ئاپتاپقا سېلىش، ياڭاق قاچىلاش-توشۇش... ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسى

日期:2023年09月27日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 7-تۇەن 9-ليەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېتىزلىقتا پىگمېنتلىق لازا يىغماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۇ يىل، بۇ شى ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تېرىقچىلىق قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، زاكازلىق، ماشىنىلاشقان، كۆلەملەشكەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۆلچىمىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق،تېرىلغان 130 مىڭ مو پىگمېنتلىق لازا يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھاۋا ئوچۇق كۈننى چىڭ تۇتۇپ لازىلارنى ئۈزۈپ، ئاپتاپقا سېلىپ، شاڭخەي، سىچۇەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى بازارلارغا ساتتى. سۈن گوچۇەن فوتوسى




9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 16-تۇەن 9-ليەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى ئارقىلىق كېۋەزپەرۋىش قىلماقتا. نۆۋەتتە، بۇ شى 2 مىليون مو يەرگە تېرىغان كېۋەز يوپۇرماق تاشلىتىش مەزگىلىگە كىردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىدىن پايدىلىنىپ كېۋەزنىڭ يوپۇرمىقىنىچۈشۈرۈپ، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. سۈن گوچۇەن فوتوسى


9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر نەشپۈتلەرنى ئايرىپ تاللىماقتا. ھازىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى1-شىسىنىڭ ھەر قايسى تۇەن، بازارلىرىدا ئۆستۈرۈلگەن 128 مىڭ 400 مو يەردىكى نەشپۈت ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر نەشپۈتلەرنى ئۈزۈپ، ئايرىپ تاللاپ، يەشىكلەرگە قاچىلاپ، بازارغا سېلىپ ساتماقتا. سۈن گوچۇەن فوتوسى


9-ئاينىڭ 22-كۈنى، سودىگەرلەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى سېرىق ئارال كەنتىدە ياڭاقلارنى قاچىلاپ توشۇماقتا. ئالتۇن كۈز 9-ئايدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 323 مىڭ مو ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، ياڭاق ئۆستۈرگۈچىلەر يىغىۋېلىش، پوستىنى ئېلىۋېتىش، قۇرۇتۇش، سېتىشنى تېزلىتىپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. ۋەلى قېيۇم فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى