مول ھوسۇل بايرىمى. «مول» مەنزىرە| لازىدىن پەخىرلىنىش! يەنسىخەينىڭ ھەممە يېرىدە لازا كەبى قىزىللىق ئەكس ئەتتى

日期:2023年09月26日
来源:天山网
【字体:

كەنت ئاھالىلىرى لازىدا تىزىلغان شەكىل ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ فاڭجى)

ھازىر، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرىدا لازىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنسىخەي بازىرى«مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمسىدىكى 6-قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، لازىنىڭ قىزىللىقىنى پائالىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلدى. بۇ يىل، يەنسىخەي بازىرىنىڭ ئىنچىكە لازا تېرىلغۇكۆلىمى 40 مىڭ مو بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە يېمەكلىك لازىسى تېرىلغۇكۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ، يىلىغا 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇتۇلغان لازا ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى شەنشى، خۇنەن قاتارلىق دۆلىتىمىز ئىچىدىكى لازا پىششىقلاش، يىغىش-تارقىتىش چوڭ ئۆلكىلىرىگە ساتىدۇ.

كەنت ئاھالىلىرى لازىدا تىزىلغان شەكىل ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ساياھەتچىلەر دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدە تىزىلغان شەكىل ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

كەنت ئاھالىلىرى شوخ ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى