ئاقسۇ ۋىلايىتى: سۇ بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى ياخشى قىلدى

日期:2023年05月30日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى سېرىق ئارال كەنتىدىكى ئاقسۇ تيەنچۈەنشۆيۈەن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىغا كىرگىنىمىزدە، قاتار-قاتار بېلىق كۆلچەكلىرى تۇتاش كەتكەن بولۇپ، بېلىق كۆلچىكىدىكى سوغۇق سۇ بېلىقلىرى سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى، ئىشچىلار بېلىق تۇتۇش، خىللاش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش مەشغۇلاتلىرىنى ماھىرلىق بىلەنقىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

ئاقسۇ تيەنچۈەنشۆيۈەن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى شى شۆسەن مۇنداق دېدى: «ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، سالمون بېلىقى ۋە جۇڭخۇا ئوسېتر بېلىقى بېقىشقا ماس كېلىدۇ. بىزدە ھازىر 24 كۆلچەك بار، جۇڭخۇا ئوسېتر بېلىقى ۋە سالمون بېلىقىنىڭ ھەرقايسىسى يېرىمدىن نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق،يىللىق مەھسۇلات مىقدارىمىز 90 توننىدىن ئېشىپ، يىراقتا شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى».

سوغۇق سۇ بېلىقى بازىرىنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىلھەمكارلىق كوپىراتىپى 8 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ كېڭەيتىپ قۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن 60 مو باقمىچىلىق سۇ رايونى قۇرۇشنى پىلانلىدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، سالمون بېلىقى باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 600 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 30 مىليون يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار.

ئوتبېشى يېزىسى سېرىق ئارال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مامۇتجان ئاۋۇت ئەسلىدە ئۆزىنىڭ كىچىك بېلىق كۆلچىكىدە ئوتخور بېلىق باققان بولۇپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئىزچىل ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولماي كەلگەنىدى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇ خوتۇنى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. «بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەيمىز، ئىككى ئادەم بىر ئايدا 5400 يۈەن مائاش ئالىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يەنە بېلىق بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، ئۆزىمىزنىڭ بېلىق كۆلچىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بەش توننىغا يەتتى» دېدى مامۇتجان ئاۋۇت خۇشال ھالدا.

شى شۆسەن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسىنىڭ سۇ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقى كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى3000 توننىدىن كۆپرەككە، مەھسۇلات قىممىتىنى 200 مىليون يۈەندىن كۆپرەككەيەتكۈزۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، رايون ئەۋزەللىكى ۋە تەبىئىي بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تىپىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى خۇ شياۋشياۋ، ۋۇ جىپىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلارلۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇئەزىز