21 ئائىلىلىك دېھقان ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كالا باقتى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل ئىختىيارىي مۇخبىر لو يىڭ

4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، خوتەن ناھىيەسى سېغىزكۆل يېزىسى چىگىلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىتوختى خالىق ئۆزىنىڭ كالا قوتىنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يەم ـ خەشەك تەييارلىدى، كالا قوتىنىنى تازىلىدى، ھەربىر كالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزەتتى...

ئاددىي ئۈستى ئوچۇق كالا قوتىنىدا، تازا سەمرىگەن سىمېنتال كالىلىرى بەخىرامان يەم ـ خەشەك يەۋاتاتتى، كۆڭۈل قويۇپ بېقىلىۋاتقان كالىلارنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن روزى توختىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

روزىتوختى بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇمۇ باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش، «دېھقانچىلىق قىلىش + ئىشلەش» ئارقىلىق بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقلا كىرىم قىلاتتى. «ماھارەت ئۆگىنىپ، مۇقىم ئىش قىلىش ئۇزاق مەزگىللىك پىلان.» ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازى بولمىغان روزىتوختىدا كالا بېقىش ئويى پەيدا بولدى.

كالىنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن، روزىتوختى كەسپىي كىتابلارنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ، كالا بېقىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، تەجرىبىلىك باقمىچىلاردىن ئۆگىنىپ، غەيرەت ـ شىجائىتىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ «باقمىچىلىق دەستۇرى»نى ئىزدىنىپ شەكىللەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، كالىلار قاچان يەم ـ خەشەك يەيدۇ، كالىلارغا قاچان سۇ بېرىش كېرەك، كالىلاردىكى قۇرتنى قاچان چۈشۈرۈش كېرەك... قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ. قوتاندىكى كالىلار ئىككى ـ ئۈچ تۇياقتىن 20 تۇياققا كۆپەيدى، بۇلتۇر باقمىچىلىقتىن 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

روزىتوختىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرگەن باشقا كەنت ئاھالىلىرى بەس ـ بەستە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپ، كالا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

«كالىلار يەم ـ خەشەك يېمىسە ئاغرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، يەلنىڭ كۆپ بولۇشى يەم ـ خەشەكنى كۆپ بېرىۋەتكەنلىكتىن، قورسىقىنىڭ كۆپىشى دانلىق يەم ـ خەشەكنى كۆپ بېرىۋەتكەنلىكتىن بولىدۇ.» مەسلىھەت سوراپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە روزىتوختى دائىم كالا بېقىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە، 21 ئائىلىلىك دېھقان ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كالا باقتى.

كالا باققاندىن باشقا، روزىتوختى ئائىلىسىدە كىچىك تىپتىكى دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلى، تىراكتور، دېھقانچىلىق ماشىنا ـ سايمانلىرى تولۇق بولۇپ، 30 مو يەرگە خاس زىرائەت، 50 مو يەرگە ئاشلىق زىرائىتى تېرىدى. ئۇ يەنە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىگە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇرۇق سېلىش، يەر ئاغدۇرۇش، بۇغداي يىغىش، قوناق يىغىشىغا ياردەم بەردى، يۇرتداشلار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق جەھەتتە مەسىلىگە ئۇچرىسىمۇ يەنىلا ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ.

«كالا بېقىشتا تېخنىكىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، مەن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىم كېرەك.» كەلگۈسى پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا، روزىتوختى مۇنداق دېدى: «مەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىشىپ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كالىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئىلمىي بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن، تىرىشساقلا، تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىپ كېتىدۇ».