21 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە كالا باقتى

日期:2023年04月26日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر لو يىڭ

4-ئاينىڭ 18-كۈنى. تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن خوتەن ناھىيەسىنىڭ سېغىزكۆل يېزىسى چىگىلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىتوختى خالىق ئۆز ئائىلىسىنىڭ كالا قوتىنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يەم- خەشەك تەييارلىدى، كالا قوتىنىنى تازىلىدى، ھەر بىر كالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزەتتى ...

ئۈستى ئوچۇق كالا قوتىنىدا سېمىز سىممېنتال كالىسى بەخىرامان يەم- خەشەك يەۋاتاتتى، ئەجىر سىڭدۈرۈپ بېقىلىۋاتقان كالىلارنىڭ كۈندىن- كۈنگە چوڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن روزىتوختىنىڭ چىرايىدا رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

روزىتوختى بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇمۇ باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش «دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش + سىرتقا چىقىپ ئىشلەش» ئارقىلىق بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلاتتى. «ماھارەت ئۆگىنىپ، مۇقىم ئىش قىلىشلا ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ھېسابلىنىدۇ.» ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولمىغان روزىتوختىدا كالا بېقىش ئويى پەيدا بولدى.

كالىنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن، روزىتوختى كەسپىي كىتابلارنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ، كالا بېقىش تېخنىكىسى ئۆگىتىش كۇرسىغا قاتنىشىپ، تەجرىبىلىك باقمىچىلاردىن تەلىم ئېلىپ، توختىماي تىرىشىشقا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ «باقمىچىلىق دەستۇرى»نى تېپىپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، كالىلارنىڭ قاچان يەم يېيىشى، قاچان سۇغىرىش، قۇرتنى قاچان يوقىتىش... ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىدى. كالا قوتىنىدىكى كالا دەسلەپكى ئىككى- ئۈچ تۇياقتىن ھازىرقى 20 تۇياققا كۆپەيدى، بۇلتۇر باقمىچىلىقتىن 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، روزىتوختى خالىق خوتۇنى بىلەن كالىلارغا يەم-خەشەك تەييارلىماقتا.

ئادىلجان مەمتىمىن فوتوسى

روزىتوختىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، باشقا كەنت ئاھالىلىرى بەس- بەستە ئۇنىڭدىن كالا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

«كالا يەم- خەشەك يېمىسە، ئاغرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، قورسىقىنىڭ كۆپۈپ كېتىشى دانىچە بوغۇزنى كۆپ يېگەنلىكتىن بولىدۇ». روزىتوختى مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە دائىم كالا بېقىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا 21 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە كالا باقتى.

كالا باققاندىن باشقا، روزىتوختى ئائىلىسىنىڭ كىچىك تىپتىكى دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلى، تىراكتورى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا- سايمانلىرى بار بولدى، يەنە 30 مو يەرگە خاس زىرائەت، 50 مو يەرگە ئاشلىق زىرائىتى تېرىدى. ئۇ يەنە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بەردى، ئۇرۇق سېلىشىپ بەردى، يەرلىرىنى ئاغدۇرۇشۇپ بەردى، بۇغداي، كۆممىقوناق يىغىشىپ بەردى، يۇرتداشلار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق جەھەتتە مەسىلىگە يولۇقسا، ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.

«كالا بېقىشتا تېخنىكىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، مەن يەنە نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىشىم كېرەك.» روزىتوختى كەلگۈسى پىلانى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىشىپ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كالىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، تىرىشساقلا تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىدۇ.»